باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەنت دەرىجىلىك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تۈرلىرىدىن ئاممىنىڭ چېھرىگە كۈلكە يۈگۈردى

ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 17 مىڭ 468 قۇرۇلۇش تۈرىدە ئىش باشلىنىپ، پىلان، ۋەزىپىنىڭ %85.2ى تاماملاندى

2016.10.08 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېرىم يىلنىڭ ئالدىدا يوللارنىڭ ئوڭغۇل - دوڭغۇل بولۇشى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ يېڭىتام بازىرى مۇرات كەنتىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى ئەڭ كۈچلۈك مەسىلە ئىدى، ھازىر تۈپتۈز ئاسفالت يوللار ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئىشىكى ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

  كەنتتە بۇنچە تېز ئۆزگىرىش بولۇشىغا نېمە سەۋەب بولدى؟ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسى، غۇلجا ناھىيەلىك قاتناش - تىرانسپورت ئىدارىسىدىن يېڭىتام بازىرىنىڭ مۇرات كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياڭچياڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىنى 2016 - يىللىق يېزا تاشيولىنى ئۆزگەرتىش پىلانى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كەنتتىكى 14.5 كىلومېتىرلىق 34 كوچا يولىنى ئۆزگەرتىپ، كەنتتىكى 3000 دىن كۆپرەك ئاھالىنىڭ يول يۈرۈش شارائىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىغان.

  ئاپتونوم رايونلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىمچە، 2015 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون 25 نازارەت، ئىدارىنىڭ مەبلەغ چىقىرىپ پۈتۈن شىنجاڭدىكى مەمۇرىي كەنتلەردە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى بېكىتكەن. كەنت دەرىجىلىك خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرى ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بۇ تۈر تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، ئېتىز - ئېرىق سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى، يەرلەرنى تەرتىپكە سېلىش، توك، گاز، پار بىلەن تەمىنلەش، قاتناش، سودا ئوبوروتى، كوچا قۇرۇلۇشى، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكى، ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق يېزىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، مەنىۋى مەدەنىيلىك ۋە ماددىي مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان 2 مىليون 390 مىڭ ئائىلە، 8 مىليون 60 مىڭ كىشىگە بىۋاسىتە نەپ يەتكۈزىدىكەن.

  ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىل 8 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش تۈرىدىن 17مىڭ 468 ىدە ئىش باشلىنىپ، پىلان، ۋەزىپىنىڭ %85.2 ى تاماملانغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر