باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2024-يىلى جۇڭگو دۇنيادىكى ئالەم پونكىتىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن

2016.10.08 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئاۋىئاتسىيە پەن-تېخنىكا گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى لېي فەنپېينىڭ جۇڭگو ئاۋىئاتسىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مەزگىلىدە ئاشكارىلىشىچە، ئېلىمىز 2018-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئالەم پونكىتى تەجرىبە خاراكتېرلىك مەركىزىي بۆلمىسىنى، 2022-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، 20 توننا دەرىجىلىك بۆلمە بۆلىكىدىن تۈزۈلگەن ئالەم پونكىتىنى قويۇپ بېرىدىكەن. 2024-يىلىغا بارغاندا، خەلقئارا ئالەم پونكىتى چېكىندۈرۈلگەندە، ئېلىمىز دۇنيادىكى ئالەم پونكىتىغا ئىگە بىردىنبىر دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن.

  لېي فەنپېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئالەم پونكىتى قۇرۇلۇشى لايىھەسى بېكىتىلدى. ئالەم پونكىتى بىر مەركىزىي بۆلمە ۋە ئىككى تەجرىبىخانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، كېسىشتۈرلىدىغان ۋە چېتىلىدىغان نۇرغۇن ئېغىزلىرى بار بولۇپ، كۆپ ئۇچقۇلارنى تەڭ تۇتاشتۇرغىلى بولىدۇ. 2018-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئالەم پونكىتىنىڭ تەجرىبە خاراكتېرلىك مەركىزىي بۆلمىسى «سەددىچىن-5» ناملىق توشۇغۇچى راكېتادىن ئوربىتىغا يەتكۈزۈلىدۇ. 2022-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئېلىمىز 20 توننا دەرىجىلىك بۆلمە بۆلىكىدىن تۈزۈلگەن ئالەم پونكىتىنىڭ ئاساسىي مودۇلىنى تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ ھەم قويۇپ بېرىدۇ.

  شۇنىڭدىن كېيىن، ئالەم پونكىتى ھەر يىلى ئادەملىك ئالەم كېمىسى، توشۇغۇچى ئالەم كېمىسىنى نەچچە قېتىم تۇتاشتۇرۇپ تولۇقلاپ، 400 كىلومېتىر ئەتراپىدىكى ئوربىتا ئېگىزلىكىدە 10 يىل ئايلىنىدۇ. ئېلىمىز رۇسىيەدىن كېيىنكى ئالەم پونكىتى قۇرۇلۇشىنى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تاماملىغان دۆلەتكە ئايلىنىدۇ، ئالەم ئۇچقۇچىسى ئالەم پونكىتىدا بىر يىلدىن ئارتۇق تۇرالايدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر