باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19 شەھەر ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى يولغا قويدى

سېتىۋېلىش، قەرز ئېلىشقا چەك قويۇش ئۇنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى بولدى

2016.10.08 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت ئىچىدىكى نۇرغۇن جايلار 10-ئاينىڭ كىرىشى بىلەن ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىنى ئېلان قىلدى. 30-سېنتەبىردىن 6-ئۆكتەبىرگىچە، 19 شەھەر ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-تىزگىنلەش يېڭى سىياسىتىنى يولغا قويدى. ساھە ئىچىدىكى زاتلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، بۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەڭشەش-تىزگىنلەشنىڭ باشلىنىشى بولۇپ، تەڭشەش-تىزگىنلەش دولقۇنى داۋاملىشىپ، 10-ئايلىق سودىدا پۈتۈشۈش مىقدارى تۆۋەنلىشى مۇمكىنكەن.

  مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە جايلار ئېلان قىلغان ئۆي بازىرىنى تەڭشەش-كونترول قىلىش سىياسىتىنىڭ مەزمۇنلىرى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن يادرولۇق مەزمۇنىنىڭ ھەممىسى سېتىۋېلىش، قەرز ئېلىشقا چەك قويۇشكەن:

  __ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش. بۇ قېتىم تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتى ئېلان قىلغان ئون نەچچە شەھەرنىڭ سىياسىتىنىڭ ھەممىسى ئاساسىي جەھەتتىن سېتىۋېلىشقا چەك قويۇشنى قايتىدىن يولغا قويۇش ۋە كېڭەيتىشكە چېتىلىدىكەن، بۇلارنىڭ ئىچىدە خېفېي، نەنجىڭنىڭ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش سىياسىتى بىر قەدەر قاتتىقكەن، يەرلىك نوپۇسلارنىڭ 3-يۈرۈش يېڭى ئۆي سېتىۋېلىشى چەكلىنىدىكەن؛ سۇجۇ شەھىرىنىڭ چېتىلىدىغان مەمۇرىي دائىرىسى ئەڭ چوڭ بولۇپ، تۆۋەن قارمىقىدىكى ۋۇجياڭ رايونى، كۈنشەن شەھىرى، تەيساڭ شەھىرىمۇ سېتىۋېلىشقا چەك قويۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.

  ___ قەرز ئېلىشقا چەك قويۇش. جايلارنىڭ تەڭشەش-تىزگىنلەش سىياسىتىدە، 2-يۈرۈش ئۆينى سېتىۋېلىشتا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل %40تىن %50كىچە ئۆستۈرۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە سۇجۇ شەھىرىنىڭ سالمىقى ئەڭ زور بولۇپ، 3-يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشتا قەرز ئېلىش چەكلىنىپلا قالماستىن يەنە، 2-يۈرۈش ئۆي سېتىۋالغاندا ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇلمۇ %80كە ئۆستۈرۈلگەن؛ بېيجىڭ شەھىرى 2-يۈرۈش ئۆي سېتىۋېلىشتا ئېتىراپ قىلىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر