- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لى كېچياڭ پورتۇگال تىلى قوللىنىدىغان دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىرگە جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئالاقىدار پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ
2016.10.08 15:37 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 11-ئۆكتەبىر ئاۋمېندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا، يېشىل تۇمشۇق زۇڭلىسى سىلۋا، گىۋىنېيە بىساۋۇ زۇڭلىسى باشىلو جا، موزامبىك زۇڭلىسى دوروسارىئو ۋە بىرازىلىيە، ئانگولا، شەرقىي تىمور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى بىرلىكتە قاتنىشىدۇ. لى كېچياڭ يىغىندا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى قىلىدۇ ۋە يىغىنغا قاتناشقان قىسمەن دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزىدۇ.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر