باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوس 2016-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

2016.10.08 14:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نورۋېگىيە نوبېل كومىتېتىنىڭ رەئىسى فىفېر 7-ئۆكتەبىر، كولومبىيەنىڭ 50 نەچچە يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 2016-يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنى كولومبىيە زۇڭتۇڭى سانتوسقا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.

  فىفېر نوبېل كومىتېتىنىڭ قارارىنى ئوقۇغاندا مۇنداق دېدى: كولومبىيە خەلقى مىڭبىر جاپا-مۇشەققەتنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەزەلدىن ھەققانىيەت، تىنچلىققا ئىنتىلىشتەك ئۈمىدتىن ۋاز كەچمىدى. بۇ مۇكاپاتنى كولومبىيە خەلقى ۋە تىنچلىق ئۈچۈن تۆھپە قوشقان ھەر قايسى تەرەپلەرگە بولغان ھۆرمەت دېيىشكە بولىدۇ.

  فىفېر مۇنداق كۆرسەتتى: سانتوسنىڭ سۆھبەت باشلىشى سەۋەبلىك كولومبىيە ھۆكۈمىتى بىلەن «كولومبىيە ئىنقىلابى قوراللىق كۈچلىرى» ئومۇميۈزلۈك تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. بۇ تىنچلىق كېلىشىمى يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشىدا ماقۇللانمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىنچلىقنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، كۆپ ساندىكى ئاۋاز بەرگۈچىلەر پەقەت بىر ئالاھىدە تىنچلىق كېلىشىمىگىلا قارشى تۇرىدۇ، تىنچلىققا بولغان تەشنالىقنى رەت قىلمايدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر