باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ تۆمۈر يولىدا سۈرئەتنىڭ تېزلىتىلىشى ھەر مىللەت ئاممىسىغا بەخت ئېلىپ كەلدى

2016.10.08 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  6 - ئۆكتەبىر سائەت 17 دىن بەش مىنۇت ئۆتكەندە، خوتەندىن قەشقەرگە قاتنايدىغان 7566 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزى دەل ۋاقتىدا خوتەن ۋوگزالىدىن قوزغالدى. 12 - ۋاگوندا ئولتۇرغان يۈسۈپ نىجات يېڭى، يورۇق، ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك ۋاگونغا قاراپ، باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ: بۇرۇنقى پويىز ۋاگونلىرى قىش كۈنلىرى مۇزلاپ، ياز كۈنلىرى ئىسسىپ كېتەتتى، دېرىزىلىرىمۇ ھىم ئېتىلمەيتتى، ھازىر ۋاگونلارغا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئورنىتىلىپتۇ، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بوپتۇ، يەنە تېخى پاكىز ئىكەن، پويىزغا ئولتۇرۇش ۋاقتىمىزمۇ ئىلگىرىكىدىن بىر سائەت قىسقاردى، بۇ ئادەمنى تولىمۇ خۇشال قىلىدۇ، دېدى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى سۈرئەتنى زور كۈچ بىلەن تېزلىتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، يولۇچىلار پويىزى قاتناش خەرىتىسىنى كۆپ قېتىم تەڭشەپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى قېتىم سانىنى كۆپەيتتى، شۇنداقلا يولۇچىلار پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرىنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇردى.

  ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىمچە، دۆلەت بايرىمى ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى جەمئىي 1 مىليون 157 مىڭ ئادەم (قېتىم) توشۇغان، توشۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.2 ئاشقان، ئوخشاش مەزگىلدىكى يولۇچىلارنىڭ توشۇلۇش ئومۇمىي مىقدارى تۇنجى قېتىم 1 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدە توشۇلغان يولۇچىلار 946 مىڭ ئادەم (قېتىم)غا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.5 ئېشىپ، ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى يولۇچى توشۇش مىقدارىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. 1 - ئۆكتەبىر شىنجاڭ تۆمۈر يول تارماقلىرى مۇشۇ بىر يىلدا 7 - قېتىم يولۇچىلار پويىزى قاتناش خەرىتىسىنى تەڭشەپ، مۇھىم نۇقتىنى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈر يولىدىكى قەشقەردىن خوتەنگىچە بولغان بۆلىكىگە قاراتقان. بۇ قېتىمقى قاتناش خەرىتىسى تەڭشەلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى 7560/7559 - قېتىملىق «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پويىزى» ھاۋا تەڭشىگۈچلۈك پويىزغا ئۆزگەرتىلگەن؛ قەشقەردىن خوتەنگە قاتنايدىغان 10/5809 - قېتىملىق ئادەتتىكى سۈرئەتلىك بىر جۈپ نۆۋەتچى پويىز يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن؛ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن قەشقەرگە قاتنايدىغان 7/7556 - قېتىملىق، 5/7558 - قېتىملىق نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش دائىرىسى خوتەنگىچە ئۇزارتىلغان؛ ئۈرۈمچى جەنۇبىي ۋوگزالىدىن خوتەنگە قاتنايدىغان 3/7562 - قېتىملىق، 1/7564- قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ قاتناش دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، قاتناش ۋاقتى قىسقارتىلغان. بۇنىڭ بىلەن خوتەن يۆنىلىشىدە قاتنايدىغان يولۇچىلار نۆۋەتچى پويىزى ئەسلىدىكى ئىككى جۈپتىن تۆت جۈپكە كۆپەيتىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قاتنىشىغا قولايلىق يارىتىلغان.

  شىنجاڭ تۆمۈريول تورى تىرانسپوت ئىقتىدارى ۋە يولۇچىلارنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇش نىسبىتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ساياھەتچىلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى. قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق جايلاردىكى پويىز ئىستانسىلىرىنىڭ يولۇچىلارنى توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %40 ئېشىپ، تۆمۈريول يولۇچىلار تىرانسپورتىدا «سۈرئەت تېزلىشىش، ئاممىۋىلىشىش، قولايلىشىش»تەك ئالاھىدىلىك گەۋدىلىنىشكە باشلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر