باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدىن ھەقسىز مەنپەئەتلىنىدۇ

2016.10.08 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلاردىن ئىگىلىشىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ داۋالىنىش ياردىمى دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىدىن ئومۇميۈزلۈك ھەقسىز مەنپەئەتلەندۈرۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدىكەن.

  ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان شەھەر – بازار ئىشچى – خىزمەتچىلىرى، شەھەر – بازار ئاھالىسى، يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى شەھەر – يېزا ئاھالىسى بولىدىكەن. سۇغۇرتىغا قاتناشقانلار چىقىم قىلغان ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاتچوت قىلىش دائىرىسىگە ئۇيغۇن كەلگەن كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتى ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن ئاتچوت قىلىنغاندىن كېيىن، ئېشىپ قالغان، شەخس ئۆزى تۆلەيدىغان قىسمى ئۆزى چىقىم قىلىش سىزىقى (ئالدىنقى يىللىق شەھەر – بازار ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى ياكى دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى) دىن ئېشىپ كەتكەن ئەھۋالدا، ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئېغىر كېسەللەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدىن نىسبەت بويىچە تولۇقلاپ بېرىلىدىكەن (10 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولسا %50؛ 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە بولسا %60؛ 100 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتكەنلىرىگە %70 بويىچە تولۇقلاپ بېرىلىدىكەن). سۇغۇرتا ھەققى مەبلىغىنىڭ كېلىش مەنبەسى، ئاساسلىقى، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ بىر تۇتاش غەملىمە فوندى بولۇپ، سۇغۇرتا سوممىسى ھەر بىر كىشىنىڭ ھەر يىلى 200 مىڭ يۈەن بولىدىكەن.

  كۈتۈلمىگەن جىسمانىي زەخىم سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەتلەندۈرۈش ئوبيېكتلىرى شىنجاڭ نوپۇسىدىكى شەخسلەر بولىدىكەن. سۇغۇرتا مەسئۇلىيىتى ئاساسلىقى تاسادىپىي قازا قىلىش، مېيىپ بولۇپ قېلىش، تاسادىپىي كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالىنىش (ھەر قېتىم كېسەلخانىدا يېتىپ داۋالانغاندا، تولۇقلاپ بېرىش سوممىسى 100 يۈەننىڭ نىسبىتى %80 بولىدىكەن) نى كۆرسىتىدىكەن. سۇغۇرتا ھەققى ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك مالىيەدىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا ياردەم بېرىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر