باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق زور يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان ئالتە كىشىنى مۇكاپاتلىدى

2016.10.08 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان ئاممىنى مۇكاپاتلاش چارىسى» ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، ئاممىنىڭ پاش قىلىشى بىلەن، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا چېتىشلىق بىر تۈركۈم دېلولار ۋاقتىدا پاش قىلىندى، زوراۋان - تېررورچىلار كۈچلۈك چۆچۈتۈلدى، «ئۈچ خىل كۈچ» نىڭ ھەيۋىسىگە قاتتىق زەربە بېرىلدى، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلكىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. مۇكاپاتلاش چارىسىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ دەسلەپكى قاراپ چىقىشى، ئاپتونوم رايونلۇق ئامانلىق مەخسۇس تۈر مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشى بىلەن، 2016 - يىلى كىرگەندىن بۇيان باي ناھىيەسى، لوپ ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە چېتىشلىق زور يىپ ئۇچىنى پاش قىلغان ئالتە كىشى مۇكاپاتلاندى، مۇكاپاتلاش سوممىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 200 مىڭ يۈەندىن 500 مىڭ يۈەنگىچە بولۇپ، جەمئىي 2 مىليون 200 مىڭ يۈەن مۇكاپات تارقىتىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر