باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2016.07.04 15:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى 29 - ئىيۇن پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقىنى تەبرىكلەش ۋە «1 - ئىيۇل» تەقدىرلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى مۇنەۋۋەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، مۇنەۋۋەر پارتىيە خىزمەتچىلىرى ۋە مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزالىرىنى تەقدىرلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر تەقدىرلەش يىغىنىغا قاتناشتى. شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: بىر يىلدىن بۇيان، ھۆكۈمەت ئورگىنى مەركەزنى باشتىن - ئاخىر چۆرىدەپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى؛ پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ياخشىلاپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، تەڭ ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىزنىڭ تارىخىنى ئەسلىسەك شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدە پەقەت جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچىسىدە، مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندىلا، شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان بۈگۈنى ۋە تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسى بولىدۇ. ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ خىزمەت ۋەزىپىسى مۈشكۈل، مەسئۇلىيىتى ئېغىر، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇشنى تۈپ سىياسىي تەلەپ ۋە ئەڭ مۇھىم سىياسىي ئىنتىزام بىلىپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرولۇق ئېڭى، توغرىلاش ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت خىزمىتى ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە بەڭگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارى، ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك.

  ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن خۇاڭ ۋېي، چيەن جى، شى داگاڭ، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر