باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«مەڭگۈ قايتىپ كەتمەسلىك ئىدىيەسى بىلەن ئاممىنىڭ خىزمىتىنى قىلىمىز»

2016.03.01 13:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (يوپۇرغا ناھىيەلىك يەرلىك باج ئىدارىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ) ئاپتونوم رايونلۇق سودا ئىشلىرى نازارىتىدىن«ئەل رايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» پائالىيىتى بويىچە بۇ يىل 3-تۈركۈمدە يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە بازار يۇقىرى ئەشمە، تۆۋەن ئەشمە كەنتى، يىما، جاغدا كەنتى ۋە ئاچچىق يېزىسىنىڭ ھەسەن تېمى، ئارا مەھەللە، مارجانقۇم، توما كەنتلىرىگە چۈشكەن 8خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى 50دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلار 2-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا يېتىپ بارغاندا، ھەر قايسى كەنتلەردىكى ئامما يول بويىغا چىقىپ ئۇلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى، يۈك-تاق، نەرسە-كېرەكلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ، ياتاقلىرىنى تازىلىشىپ، ئۇلارغا بولغان سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى ھەمدە تۈرلۈك بويۇملار بىلەن ئۆز ئارا يۈز كۆرۈشۈش سوۋغىسى تەقدىم قىلىشىپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى بىلدۈرۈشتى. كادىرلارمۇ كەنتتىكى تۇرمۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئەتىسىدىن باشلاپ ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ خىزمەتلەرگە كىرىشىپ كەتتى.

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ ناھىيەنىڭ ئەشمە بازار يۇقىرى ئەشمە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتتىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات، ناھىيە 15-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى ئابدۇقادىر تۇرسۇننىڭ ئائىلىسىدە ئۆز ئارا تونۇشۇش، ئەھۋال ئىگىلەش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، سودا نازارىتى ئومۇمىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىسى، شۇ كەنتتىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى جيەنجې مۇنداق دېدى: بىزنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىمىزغا چىققان كەنت ئاممىسىنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم، خۇشاللىق كۈلكىسىدىن بىزگە بولغان ئالاھىدە ھۆرمىتىنى، ئاددىي بولسىمۇ بىز ئۈچۈن تەييارلىغان كۆڭۈل سوۋغىسىدىن ئۇلارنىڭ ئاقكۆڭۈل، ساددا، سەمىمىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، چوڭقۇر تەسىرلەندۇق. بۇ نۆۋەت كەنتكە چۈشكەن بارلىق كادىرلار مەڭگۈ قايتىپ كەتمەيدىغان ئىدىيە بىلەن ئاممىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا، بارلىق ئاماللار بىلەن ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كۈتكەن يېرىدىن چىقىپ، ئۈمىدىنى ئاقلاشقا بەل باغلىدۇق. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت نۇقتىلىق خىزمەت تەدبىرلىرىنى تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ،«ئۈچ ئەل» خىزمىتىدىكى «ئالتە تۈرلۈك ۋەزىپە» نى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىمىز. نۆۋەتتە، بىزنىڭ ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى مۇشۇ خىل ئىدىيە، پىلان بويىچە ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىزمەتلەرگە ئومۇميۈزلۈك كىرىشىپ بولدى.

  ئەشمە بازارلىق پارتكومنىڭ يۇقىرى ئەشمە كەنتىدە دائىمىي تۇرۇشلۇق يېتەكچى رەھبىرى كادىرى ۋاڭ جىنمىن ۋە لى جيەنجې باشچىلىقىدىكى سەككىز نەپەر خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى بىلەن بىر ئائىلە ئەزالىرىدەك ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالى ۋە كەنتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇڭدىشىپ ئولتۇرغان دىنىي زات، ۋەكىل ئابدۇقادىر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: كەنتىمىزگە بۇلتۇر 2-تۈركۈمدە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپا كادىرلىرى كەنت، مەكتەپ ۋە ئامما ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرىپ، قەلبىمىزدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىدى. مەنمۇ خەلقنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كەنتىمىزدە ھەل قىلىش زۆرۈر بولغان يەنە بىر قىسىم ئىشلارنى بۇ نۆۋەت چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئالدىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇلارنىڭمۇ ئالدىنقىلارنىڭ خىزمىتىنى كۈچ ئۇلاپ داۋاملاشتۇرۇپ، كەنتنىڭ تۈرلۈك ئاممىۋى ئىشلار قۇرۇلۇشىنى ئىمكان قەدەر تېزدىن ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىق ھەققىدىكى كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سۆيۈنۈش، مەمنۇن بولۇش ئىلىكىدە خاتىرجەم ئولتۇردۇم.

  يوپۇرغا ناھىيەسىنىڭ ئەشمە، يەكشەنبە بازار، تېرىم، ئاچچىق، ئاخۇنلۇقۇم قاتارلىق 9يېزا-بازاردىكى 86كەنتكە «ئۈچ ئەل» خىزمىتى بىلەن بۇ يىل 3-تۈركۈمدە چۈشكەن ئاپتونوم رايون، بىڭتۈەن، ۋىلايەت ۋە ناھىيەدىن چۈشكەن ھەر قايسى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى 450دىن ئارتۇق ھەر مىللەت كادىرلىرى بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىغا يېتىپ بېرىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئامما بىلەن تونۇشۇش، پىكىرلىشىش، سۆھبەتلىشىش ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش خىزمىتىنى ئەتراپلىق قانات يايدۇرۇپ، بۇ يىللىق «ئۈچ ئەل» خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈم، نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن كەلگەن ئومۇمىي خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باش يېتەكچىسى، تېرىم بازار كولدۇر كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاڭ مىڭ 2-ئاينىڭ 28-كۈنى تېلېفون زىيارىتىمنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 40تىن ئارتۇق كادىر بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تېرىم بازىرىدىكى يەتتە كەنت، يوپۇرغا يېزىسىدىكى بىر كەنتكە كېلىپ ئاممىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشىپ، تۇرمۇشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرۇۋالغاندىن كېيىن ھەممە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بىرلا ۋاقىتتا ھەرىكەتلىنىپ، ئامما ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش بىلەن بىرگە، قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن ئومۇميۈزلۈك قۇتۇلۇش ھەققىدىكى پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلاپ بۇ جەھەتتە ئۈنۈملۈك تەدبىر ئويلىشىۋاتىمىز.

  شۇ كۈنى يەنە، ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش-تىرانسپورت نازارىتىدىن يوپۇرغا يېزا قارا ئۈجمە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۇرمۇش، خىزمەت ئەھۋالىنى ئىگىلەش مەقسىتىدىكى تېلېفون زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغان كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئابدۇۋايىت ئابدۇقادىر مۇنداق دېدى: 2-ئاينىڭ 25-كۈنى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ كەنتىمىزگە كېلىدىغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق ئامما بىلەن كەنت ھويلىسىغا يىغىلىپ، ئۇلاردىن ئامان-ئېسەنلىك سورىشىپ قىزغىن كۈتۈۋالدۇق. ئۇلار ھازىر كەنتىمىزدىكى كادىرلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلەش ئىشلىرى بىلەن بولۇۋاتىدۇ. بۇ نۆۋەت كەلگەن كادىرلارنىڭ ئالدىنقى نۆۋەتلىك خىزمەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، كەنتىمىزنىڭ قىياپىتى ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشىگە، شۇنداقلا ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ئاساسىمىزنى يەنىمۇ پۇختىلاپ بېرىشىگە ئىشىنىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر