خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئابدۇراخمان ئەمەت خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەركەزنىڭ پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشىغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇپ، سوت مەھكىمىسىدىكى كادىر-ساقچىلار ئارىسىدا «ئائىلە ئەزالىرىنىڭ پاكلىققا ياردەم بېرىش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى .
سۆھبەت يىغىنىدا سوت مەھكىمىسىدىكى كادىر ساقچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش توغرىسىدا ۋەدىنامە ئىمزالىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى