خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىر غەربىي رايون ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى ئاۋىياتسىيە قىسمىنىڭ مەلۇم برىگاداسىغا زىيارەتكە بارغىنىدا، مەيدان سىرتىدا ئەمدىلا ئۇچۇش مەشىقىنى تۈگىتىپ كەلگەن ئۇيغۇر ئۇچقۇچىلار فەرۇخ ئالىم ۋە نىجات كۈرەشنى ئۇچراتتى.
فەرۇخ ئالىم ۋە نىجات كۈرەش بىر نەۋرە قېرىنداش بۇلۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى قىرغۇچى ئايروپىلاندىن ئۆزگەرتىلگەن بومباردىمانچى ئايروپىلاننىڭ ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئۇچقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاكا - ئۇكىلار تىرىشىپ نەزىرىيىۋى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپلا قالماستىن، يەنە دائىم بىر يەرگە يىغىلىپ مەشىق تەجرىبىسى ۋە ئۇچۇش تەسىراتى ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى