خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «8-مارت» خەلقئارا ئاياللار بايرىمىنى خاتىرىلەش ۋە مەملىكەت بويىچە 8-مارت قىزىل بايراقدارى(كوللېكتىپى)نى تەقدىرلەش يىغىنى 29-فېۋرال بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى يۈەنچاۋ تەقدىرلەنگەن ئىلغارلار ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى يەن جۈنچى يىغىنغا قاتناشتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى شېن يۆيۆ سۆز قىلدى.
يىغىندا مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار ئۈلگىسىدىن 10ى، مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارىدىن 300ى ۋە مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپىدىن 200ى تەقدىرلەندى. مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار ئۈلگىسى يۈ جىنخۇڭ، مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى ياڭ خۇي، مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدار كوللېكتىپىنىڭ ۋەكىلى خۇاڭ شياۋيەن يىغىندا سۆز قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى