باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن «قارار» ئېلان قىلدى

يېمەك-ئىچمەك ئورۇنلىرىنىڭ تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىلەن يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىرلەشتۈرۈلىدۇ

2016.03.01 13:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن يېقىندا زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ تەستىقلىشى بىلەن «يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ جامائەت سورۇنلىرى تازىلىق ئىجازەتنامىسى بىلەن يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار»نى ئېلان قىلدى.«قارار»دا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشپۇزۇل، قەھۋەخانا، مەيخانا، چايخانا قاتارلىق تۆت خىل جامائەت سورۇنىغا تارقىتىدىغان تازىلىق ئىجازەتنامىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار ئىجازەت تۈرلىرىنى يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى تارقىتىدىغان يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسى مەزمۇنىغا كىرگۈزۈش، يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى بىر ئورۇنغا بىر كىنىشكا تارقىتىپ، بىر تۇتاش نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كېرەك. بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات مەملىكەت بويىچە 243 يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى ۋە 14 مىليون 450 مىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىغا چېتىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يەڭگىللىتىش، ئىگىلىك تىكلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە پايدىلىق بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  «قارار»دا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ جامائەت سورۇنلىرى تازىلىق ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن، ھەر دەرىجىلىك يېمەكلىك، دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەك-ئىچمەك كارخانىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى تەستىقلاش ۋە تارقىتىش قىلمىشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىشتىن بۇرۇن قانۇن، بەلگىلىمە، ئۆلچەم بويىچە تەكشۈرۈپ، مۇلازىمەت كۆرسەتكۈچى ئورنىتىپ، ئىچكى قىسىمدا تەكشۈرۈش تەپسىلىي قائىدىسى تۈزۈپ، تەستىقلاش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، بېجىرىش مۇددىتىگە ۋەدە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، كىنىشكا بېجىرىش ئۈنۈمىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر