باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

« 13- بەش يىل » مەزگىلىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى 1799كىلومېتىرغا يەتكۈزىلىدۇ

2016.03.01 14:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28 -فېۋرال، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش ـ تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2020 – يىلىغا بارغاندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست تەۋەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇساپىسى 1799كىلومېتىرغا يەتكۈزىلىدىكەن. 1- مارتتىن باشلاپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرى ۋە يېزا تاشيولىنىڭ قالدۇق قۇرۇلۇشىدا ئومۇميۈزلۈك قايتا ئىش باشلىنىدىكەن، 4- ئايدىن باشلاپ، يېڭىدىن يېزا تاشيولى ياساش قۇرلۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، « 12 - بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا تاشيول قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 21مىليارد 814مىليون يۈەن بولۇپ،تاماملانغان يېڭىدىن ياسالغان ۋە ئۆزگەرتىپ ياسالغان مۇساپە 38029كىلومېتىرغا يېتىپ، جەمئىي 175يېزا- بازار، 2920ئىشتاتلىق كەنتنىڭ قاتناش شارائىتىنى ياخشىلىدى، مەنپەئەتلەنگەن ئاھالە بەش مىليون 586مىڭگە يەتتى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر