باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەسىدە دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالار بازىرى تەكشۈرۈلدى

2016.03.01 13:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دېھقانچىلىق، سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت تەكشۈرۈش تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن قانۇنى ئىجرا قىلىش گۇرۇپپىسى يېقىندا، مۇددىتى يېرىم ئايلىق بولغان ئەتىياز پەسىللىك دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيا بازارلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇردى.

  ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرىدىن تەشكىللەنگەن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئاۋات ناھىيەلىك يوڭشىن سودا شەھەرچىسىنىڭ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالار بازىرىدا، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرى تىجارەت نۇقتىسىنى بىرمۇ-بىر ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، تىجارەت كىنىشكىسىنىڭ تولۇق ياكى ئەمەسلىكى، دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى تىزىملاش دەپتىرى ۋە تۈرلۈك تۈزۈملەرنىڭ مۇكەممەل ياكى ئەمەسلىكى، سېتىۋاتقان دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنىڭ سۈپىتىنىڭ لاياقەتلىك ياكى ئەمەسلىكى، كەسكەن تىجارەت تالونى ۋە ئىناۋەتلىك كارتىلىرىنىڭ ئۆلچەملىك ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

  تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، يوڭشىن سودا شەھەرچىسىدە دېھقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ساختا دېھقانچىلىق دورىلىرى، ساختا سولياۋ يوپۇق، ساختا ئۇرۇق بايقالمىغان.

  ئاۋات ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەكشۈرۈپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ مۇدىرى ياڭ گوۋۇ مۇنداق دېدى.. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ باشلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، بىز تىجارەتچىلەرنىڭ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالغاندا چوقۇم ئۆلچەملىك زاۋۇتلاردىن سېتىۋېلىشىنى، ئوغۇت سېتىۋالغاندا ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش ئۆلچىمى تۇلۇق بۇلغان مەھسۇلاتنى سېتىۋېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. كۆپچىلىكنىڭمۇ دېھقانچىلىق ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىۋالغاندا كىرگۈزگەن ئورۇن ۋە لاياقەتلىك ئۆلچىمىگە دىققەت قىلىپ سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر