خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (كۇچا ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسىدىن ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نىياز راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۇچا ناھىيەسىنىڭ بېھىشباغ يېزا ئۆستەڭبويى كەنتىدىكى 73ياشلىق دېھقان مەھەممەت قاسىم 1976-يىلدىن بۇيان بۇ كەنتىدىكى خەنزۇ، ئۇيغۇر مىللەتلىرىنىڭ مىللەتلەر ئۆزئارا چۈشەنگەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولغان، ئۆزئارا ھۇزۇرلانغان، ئۆزئارا ئۆگەنگەن، ئۆزئارا ياردەم بەرگەن، بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە شادلىنىش جەريانىدا ئۆزئارا باردى-كەلدى قىلىپ، ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق مارشىنى ئورتاق ياڭرىتىشتەك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى خاتىرىلەپ، ھازىرغا قەدەر 18پارچە خاتىرە قالدۇرغان، ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېزا تەشكىللىگەن يەرلىك تەشۋىقاتچىلار ئەترىتىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ۋە ئۆز قولى بىلەن قالدۇرغان خاتىرىلىرىدىكى ئاشۇ ئىتتىپاقلىق ھېكايىلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىسىغا سۆزلەپ بېرىپ ۋە ھەر مىللەت ئامما بىلەن دائىم مۇڭدىشىپ، ئۇلارنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىغا مىننەتدار بولۇپ، گۈزەل يۇرت-ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى .
سۈرەتتە : 27-فېۋرال مەھەممەت قاسىم يۇرتداشلىرىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىلىرىنى سۆزلەپ بەرمەكتە.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى