باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كېچىكىپ پېنسىيەگە چىقىش ۋە ئىش ئورنىدىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب قايتۇردى

2016.03.01 13:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 29-فېۋرال بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى يى ۋېيمىن يىغىندا ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىسمەن قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بەردى.

  بۇ يىل پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش لايىھەسى يولغا قويۇلىدۇ

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: پېنسىيە يېشىنى تەدرىجىي كېچىكتۈرۈش سىياسىتىنى بېكىتىشتە مۇنداق ئۈچ نۇقتا ئويلىشىلىدۇ:بىرىنچى، كىچىك قەدەمدە تەدرىجىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش. يىلدا نەچچە ئاي كېچىكتۈرۈپ، خېلى ئۇزاق ۋاقىتتىن كېيىن قانۇندا بەلگىلەنگەن پېنسىيە ياش نىشانىغا يېتىمىز.

  يى ۋېيمىن مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن كېيىن 60 ياشتا پېنسىيەگە چىقماقچى بولسىڭىز، سىياسەت يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، 60 ياش ئۈچ ئايدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىشىڭىز مۇمكىن؛ يەنە بىر كىشى ئۇنىڭ كېلەر يىلى پېنسىيەگە چىقماقچى بولسا، ئۇ 60 ياش ئالتە ئايدىن كېيىن پېنسىيەگە چىقىشى مۇمكىن.

  ئىككىنچى، پەرقلىق مۇئامىلە قىلىپ، باسقۇچقا ئايرىپ يولغا قويۇش. دۆلىتىمىزدىكى كىشىلەر توپىنىڭ پېنسىيەگە چىقىش يېشىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، ئەمەلىيەتتىن چىقىش قىلىپ، ئوخشىمىغان توپلارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن، باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويىمىز.

  ئۈچىنچى، ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈپ، ئالدىن ئۇقتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيمىز.

  ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شاللاشنى قوللايدۇ، مەركەز ئىشتىن قالغان ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا 100 مىليارد يۈەن ئاجرىتىدۇئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ كېتىشنى ھەل قىلىش بۇ يىللىق تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى زىيادە ئېشىپ كېتىشنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇش بۇنىڭ ھالقىلىق تەدبىرى.

  يى ۋېيمىن مۇنداق دېدى: مەركەز مالىيەسى 100 مىليارد يۈەن مۇكاپاتلاش تولۇقلىما پۇلى ئاجرىتىپ ئىشتىن قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەخسۇس مەبلىغىمۇ مۇناسىپ ياردەم بېرىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر