باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىنىڭ ‹‹يۈزى›› گە داغ تەگمىسۇن

2016.01.14 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۈرۈمچى شەھىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مائارىپ، پەن – مەدەنىيەت، قاتناش مەركىزى. مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىن كەلگەنلەر ئۈرۈمچى شەھىرىگە قەدەم بېسىپلا شىنجاڭنىڭ تۇنجى ئوبرازىنى كۆرىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى – شىمالىدىن كەلگەن ھەر مىللەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››نى ئاڭلىغاندىن كېيىن، يېڭى بىر يىلدا خەلق تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىپ شەھەر، يېزىلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلىدىغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولدى ۋە مەركىزىي شەھەردىن ئۈمىد قىلىپ ئەكەلگەن تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ۋەكىل باتۇرجان يارمۇھەممەد مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ يىللاردىن بۇيان زور ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى ئاجرىتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ پار بېرىش، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە بىرلەشمە زەنجىرىنى تورلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىنىشىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىغان بولسىمۇ، ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىشى بىلەن، ئاپتوموبىلدىن چىققان كېرەكسىز گاز شەھەر ئاتموسفېراسىنى بۇلغايدىغان يەنە بىر مەنبەگە ئايلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدا بۇ يىل 1 – يانۋاردىن باشلاپ ‹‹ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش نىزامى›› يولغا قويۇلدى. ئاپتوموبىللارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشى كونترول قىلىنىپ، مەركىزىي شەھەرنىڭ ‹‹كۆك ئاسمان››نى قايتىدىن نامايان بولغان بولسىمۇ. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىم كۆزنەك رايونلىرىغا يېقىن جايلاردىكى بەزى زاۋۇتلار مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ ئەسكەرتىشىگە قۇلاق سالماي، داۋاملىق بۇلغىما قويۇپ بېرىۋاتىدۇ، بۇ مۇھىتنى بۇلغاشتىن سىرت، يەنە شۇ يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ زىيانلىق. ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مۇشۇنداق بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلار تېزدىن تىزگىنلەنسە.

  ۋەكىل نۇر مۇھەممەت ھاپىز بۇ قېتىم ئېلىپ كەلگەن تەكلىپلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر، ئۈرۈمچىدە ماشىنا توختىتىش تەس بولۇش مەسىلىسى ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى. فۇنكسىيەلىك تارماقلار شەھەردە ماشىنا توختىتىش ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلسا ياكى مۇشۇ مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىققان بولسا، ماشىنا توختىتىش ھەققىنىڭ ئوخشاش بولماسلىق، قالايمىقان بولۇش مەسىلىسىمۇ تەرتىپكە سېلىنسا ئوبدان بولاتتى. يەنە بىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدا ‹‹قوش تىل››ئۆگىنىشى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلىۋاتقان ياخشى پۇرسەتتە، ئايروپورت قاتارلىق ئاممىۋى قاتناش تۈگۈنلىرى ياكى چوڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا ‹‹قوش تىللىق›› مۇلازىمەتچىلەر كۆپرەك سەپلەنگەن بولسا، مەملىكەت ئىچى، سىرتىدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلگەن مېھمانلارغا، جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كەلگەن مېھمانلارغا كۆپ جەھەتتىن قولاي بولغان بولاتتى.

  ۋەكىل دىلبەر ئېزىز مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شەھەر قۇرۇلۇشىدا بىرقەدەر زور ئىلگىرىلەشلەر بولدى. لېكىن، شەھەر رايونىدىكى رەتسىز، كونا كەپە ئۆيلەر شەھەرنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسى بىلەن روشەن پەرق شەكىللەندۈردى. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تەڭرىتاغ رايونىدىكى ‹‹ماشى››ئولتۇراق رايونى ئەتراپىدا يەنە بىر قىسىم كەپىلىك ئۆيلەر بار، بۇ يەردىكى ئاھالىلەرنىڭ زىچلىقى، تۇرمۇشىنىڭ قولايسىزلىقىنى دېمىگەندىمۇ، بۇ ئۆيلەر مەركىزى شەھەرنىڭ شەھەر قىياپىتىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە. مۇشۇ رايوندىكى كەپىلىك ئۆيلەر ئۆزگەرتىلىپ، شۇ جايدىكى خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئەمىنلىككە ئېرىشكەن بولسا.

  ئۇقۇشىمچە، تەڭرىتاغ رايونى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ئۈرۈمچىنىڭ ئاساسلىق شەھەر رايونى بولۇپ، تەڭرىتاغ رايونىدىكى كەپە ئۆيلەرنىڭ كۆلىمى 3 مىلىيون 102 مىڭ 500 كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، 10 مىڭ 774 ئاھالىگە چېتىلىدىكەن. بۇ رايوندىكى كەپە ئۆيلەر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كەپە ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپتۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر