باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئورتاق تىرىشىپ، ‹‹13–بەش يىل›› دا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› نى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى

2016.01.14 14:44         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››، ئاپتونوم رايوننىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان لايىھەسى ۋە پىلان خامچوت دوكلاتىنى داۋاملىق مۇزاكىرە قىلدى. مۇزاكىرىدە ئەزالار بىردەك مۇنداق قاراشتى: بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، ئاپتونوم رايونىمىز دۇچ كېلىدىغان تەرەققىيات ۋەزىيىتى تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ، شۇڭا خەۋپ ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، فۇنكسىيەنى ئادا قىلىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، ‹‹دوكلات››نىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشقا سادىق بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلىشى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مەركىزىي خىزمەتلىرىنى چۆرىدەپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش، دېموكراتىيەنى ئەمەلىيىتىدە كۆرسىتىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، 13 – بەش يىللىق پىلاننىڭ تۇنجى يىلىنى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى پۇختا بېسىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ئىقتىساد ۋە سودا – سانائەتچىلەر ساھەسىنىڭ بىرلەشمە مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى. شۆھرەت زاكىر ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركەز بۇ يىل تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتتىن ئىبارەت مۇھىم ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، 2016 – يىلىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، مۇقىم ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ۋەزىپىسى، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسى ھەققىدە ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى. بىز يېڭى نورمال ھالەتكە بولغان تونۇش ۋە چۈشىنىشىمىزنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا قارىتا يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش كۈچىنى ۋە يېڭى تەرەققىيات ئېنېرگىيەسىنى تىرىشىپ ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

  يېڭى نورمال ھالەتتە ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى يەنىلا مۈشكۈل، بىز ھەرگىزمۇ قاراپ ئولتۇرماستىن، دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمىغا قارىتا يۈرگۈزگەن ئىسلاھات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، دادىللىق بىلەن يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ، يولۇققان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى قەتئىي ھەل قىلىپ، يېڭى – كونا ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك. ئىقتىساد ۋە سودا – سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىدىكى زاتلارنىڭ تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى بەجانىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئورتاق تىرىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئابىلمەجىن بىرلەشمە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۈرئەت ئىمىن مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات››تا، ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىياتنىڭ تەڭپۇڭلۇقى، سىغدۇرۇشچانلىقى ۋە سىجىللىقىنى ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئەزا لۇ ۋېيلۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ماس تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرىكىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ھالقا. بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش ۋە پىلانلاش، بىرىكمە تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك ئوتتۇرىسىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بايلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش كېرەك، شۇنداق بولغاندىلا ئورتاق تەرەققىي قىلغىلى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  ئەزا ۋاڭ جۇڭشەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹12 – بەش يىل››دىكى نەتىجىلىرى ئاسان قولغا كەلمىگەن. ‹‹13 – بەش يىل››دا ئاپتونوم رايونىمىز ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇرىچە يىلىغا %7 ئاشۇرۇش نىشانىنى بېكىتتى. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، بۇمۇ مۈشكۈل ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كەلگۈسى بەش يىلدا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.

  ئەزا فەن پىڭ مۇنداق تەكلىپ بەردى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ يادرولۇق مەزمۇنى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش، ئاجىز ھالقىنى تولۇقلاش. ئىقتىسادنىڭ يېڭى نورمال ھالىتىدە داۋاملىق كۆلەم ۋە سۈرئەتنىڭ ئېشىشىنى قارىغۇلارچە قوغلىشىشقا بولمايدۇ. بۇنىڭدا ئەنئەنىۋى تەپەككۇرنى ئۆزگەرتىپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزۈل – كېسىل قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھ قىلىشقا ئىرادە باغلاش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى توغرا تېپىپ، تۈجۈپىلەپ كۈچەش، سۈپەتنى ئاشۇرۇپ، ماركا يارىتىشقا ئېتىبار بېرىش، بەزى كەسىپلەردە كۆپرەك كۈچ چىقىرىش كېرەك.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر