باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹جەلپكار تېما بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى

2016.01.14 14:39         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش بېسىمى ئېشىۋاتقان ئەھۋالدا، تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تېپىش بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش يىغىنىدىكى ۋەكىل ۋە ئەزالار قىزغىن مۇزاكىرە قىلغان جەلپكار تېمىغا ئايلاندى.

  ۋەكىل ۋە ئەزالار بىردەك مۇنداق قارىدى: دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندى، ئاپتونوم رايونىمىز يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئەۋزەل پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن رول ئويناپ، ئالدىن پىلانلاپ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى زۆرۈر.

  ‹‹12 – بەش يىل››دا، ئاپتونوم رايونىمىز دۆلەتنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىكرى ۋە ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ، بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشتا ئىش باشلىدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسى پۇرسىتىدە، ئاپتونوم رايونىمىز يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا رول ئويناپ، جۇشقۇن تەرەققىيات كۈچىنى نامايان قىلدى.

  سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى سۇڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ‹‹12 – بەش يىل››دا، دۆلىتىمىزنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويغان تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى يولغا قويۇش ئەمەلىيىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، مەسىلەن: قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى قۇرۇلۇشىدا دەسلەپكى كۆلەم شەكىللەندۈرۈلدى؛ ئالاتاۋ، قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ جۇڭگو – قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى يۈرۈشلەشتۈرۈش رايونى پۈتتۈرۈلدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىن غەربكە يۈرىدىغان خەلقئارالىق يۈك تىرانسپورت پويىزى 135 قېتىم قاتناپ، كۆپ نۇقتا، كۆپ لىنىيەلىك قاتناش دائىمىلاشتۇرۇلدى؛ مەملىكىتىمىز بويىچە چېگرا ئاتلاپ مەبلەغ سېلىشتا خەلق پۇلىدا راسچوت قىلىش ئاپتونوم رايونىمىزدا سىناق قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2015 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ‹‹يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى قوزغاتتى. بۇ، دۆلەت دەرىجىلىك پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئىگە بايلىقى بىلەن شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىغا تايىنىپ، شېنجېن قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونلىرى بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، رايون ھالقىغان يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى بىرىكتۈرۈلۈپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭىچە ۋاسىتىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىز 2016 – يىلىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ. ۋەكىل، ئەزالار ‹‹بەش مەركەز›› قۇرۇلۇشىنى چۆرىدىگەن ھالدا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزى قۇرۇش ۋە پەن – تېخنىكا تۈگۈنى بەرپا قىلىش جەھەتلەردە يولغا قويۇشقا بولىدىغان تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ئەزا سۇڭ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: ھازىرغىچە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنى پىلانلاش، قۇرۇش خىزمىتى قوزغىتىلىپ، ئۈرۈمچى كۆرگەزمە مەركىزى ‹‹پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى››نى ئۇل قىلغان ئاساستا، خەلقئارا نىشان قىلىنغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت تورى، شۇنىڭدەك ئۈرۈمچى مەركەز قىلىنغان، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاستلار ئىككىلەمچى مەركەز قىلىنغان كۆپ قاتلاملىق پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  سۇڭ جيەنخۇا پۇل مۇئامىلە كەسپىنى كۆلەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ سىياسەت جەھەتتىن قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ، رايون خاراكتېرلىك پۇل مۇئامىلە مەركىزىنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرى ئامىللىرى، كاپىتالى ۋە باشقا ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ساندىن سۈپەتكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، چوڭ تىپتىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئاپتونوم رايونىمىزدا ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن – تېخنىكا نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى چېن چى مۇنداق دېدى: بىز شەرقىي جۇڭگونىڭ ئىلغار پەن – تېخنىكا بايلىقىنى ئاپتونوم رايونىمىزغا كىرگۈزۈپ، توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، ئاندىن تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىياغا چىقارساق تامامەن بولىدۇ، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىغا بەكرەك ئېھتىياجلىق، بىز بۇ جەھەتتە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئەتراپتىكى ئەللەرگە توردىكى سودا سۇپىسى ئارقىلىق ساتساق تامامەن بولىدۇ، بىز بۇ جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇاڭ سەنپىڭ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش جەھەتتە، قورغاسنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشنىڭ كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئادەم، مال، سودا، مەبلەغ ئوبوروتىنى مۇشۇ ئىستىھكام ئارقىلىق جانلاندۇرۇپ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىساد بەلبېغى شەكىللەندۈرىمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ئالتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى دېڭ جاڭۋۇ مۇنداق دېدى: ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ئىستراتېگىيەسىدىن پايدىلىنىپ، دۆلىتىمىز بىلەن رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيەنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قاتناش تورىنى تۇتاشتۇرۇپ، خەلقئارالىق قاتناش تۈگۈنى بەرپا قىلىمىز؛ چېگرا ھالقىغان ساياھەتچىلىكنى ئورتاق راۋاجلاندۇرۇپ، ئالتاي تېغىنى ئاتلىغان توسالغۇسىز ساياھەتچىلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەت ھالقىغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقتا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى بالدۇرراق قۇرۇپ چىقىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر