باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر 13–بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى ۋە ئىككى دوكلاتنى تەكشۈردى

2016.01.14 14:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13 – يانۋار چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنىڭ لايىھەسى ۋە پىلان دوكلاتى، خامچوت دوكلاتىنى تەكشۈردى.

  ۋەكىل نىجات ئابدۇرېھىم مۇنداق دېدى: يېڭى نورمال ھالەت، يېڭى ئىدىيە، يېڭى نەتىجە ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› بىلەن 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگرامما لايىھەسىنىڭ يادروسى. ‹‹دوكلات››تا كۆپ قېتىم ‹‹يېڭىلىق›› دېگەن سۆز تەكىتلەنگەن، ‹‹ئىنتېرنېت تورى›› يېڭى نورمال ھالەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى قوزغىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭ ئالاھىدە ئەۋزەللىككە ئىگە كەسىپنى، بولۇپمۇ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، چوقۇم ئىنتېرنېت تورىنى ‹‹قانات›› قىلىپ، زامانىۋى يۇقىرى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق دېھقان – چارۋىچىلارغا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يولى ئېچىپ بېرىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ۋەكىل نۇرئەلى ئابدۇللا مۇنداق دېدى: كەنتلەردىكى داۋالاش خادىملىرى ئەڭ ئاساسىي قاتلامدىكى غوللۇق كۈچ بولۇپ، كېسەللەرنىڭ ئەھۋالىنى ئەڭ ئاۋۋال بىلىدۇ ھەم كېسەللەرگە ئەڭ ئاۋۋال قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىدۇ. لېكىن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپ قىسىم ناھىيە(شەھەر)لىرىدە كەنت داۋالاش خادىملىرى كەمچىل. مەن كەنت داۋالاش خادىملىرىنى قوبۇل قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كەنت داۋالاش خادىملىرىنى يېزا، كەنتلەردىكى شىپاخانا، داۋالاش ئۆيلىرىگە ئىشتات بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنت داۋالاش خادىملىرىنى يېزا – بازار شىپاخانىلىرىدىكى خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن، ئوخشاش خىزمەتتىن بەھرىلەندۈرۈشنى، كەنت داۋالاش خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، تېخىمۇ كۆپ يەرلىك ئالىي ۋە ئوتتۇرا تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن يەرلىكتىكى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى كەنت داۋالاش ئۆيلىرىگە جەلپ قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن.

  ۋەكىل لۇ شۇجياڭ مۇنداق دېدى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جايلار چوقۇم يېڭى كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈشى، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپ ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشى، بولۇپمۇ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايون قۇرۇشتەك ياخشى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، دەرىجىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىتىپ، ‹‹بىر يول، بىر بەلباغ›› يولغا قويۇلغان پايدىلىق پەيتتە قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىشى كېرەك.

  ۋەكىل شېڭ يەنجياڭ مۇنداق دېدى: 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلاندا، تۈرلۈك نىشان – ۋەزىپىلەرگە بەش چوڭ تەرەققىيات قارىشى تولۇق سىڭدۈرۈلۈپتۇ. ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىش، كەمچىلىكنى تولۇقلاش، خەۋپتىن مۇداپىئەلىنىش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى كېمەيتىش، ئىسكىلات قالدۇقىنى ئازايتىش، تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا تۇتۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بېرىلىپتۇ. مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە قەرەللىك تەكشۈرۈش مېخانىزمى تۇرغۇزۇپ، ‹‹13 – بەش يىل››دىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ۋاقتىدا تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىش مەزمۇنىنى پىلانغا كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىمەن.

  ۋەكىل پەرھات ئىبراھىم مۇنداق دېدى: 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان كەلگۈسىدىكى ھالقىلىق بەش يىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئومۇمىي كۆرسەتكۈچى. شەھەر – يېزا تەرەققىياتىنى بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ‹‹ئۈرۈمچى – تۇرپاننى بىرگەۋدىلەشتۈرۇش››نى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇنىنى پىلانغا كىرگۈزۈش تەكلىپى بېرىمەن.

  ۋەكىل يىن خۇڭشيا مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا كەنتىمىزدە زور ئۆزگىرىش بولدى، ئاسفالت يول ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغىچە تۇتاشتۇرۇلدى، يېڭى ئۆيلەر ئازادە، يورۇق ھەم يەر تەۋرەشكە چىداملىق قىلىپ سېلىندى. زامانىۋى يېزا ئىگىلىك بىزنى يېڭى بېيىش يولىغا يېتەكلىدى، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىمۇ كۈنسېرى ياخشىلاندى، ھەممەيلەن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىۋاتىدۇ. ‹‹13 – بەش يىل››دا، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە، دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  ۋەكىل ئەنۋەر سېيىت مۇنداق دېدى: ئاقسۇ دەرياسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كەلكۈن ئاپىتى ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان دەريا بولۇپ قالدى، دەريا ئېكولوگىيەسى ناھايىتى ئاجىز، شۇڭا ئاقسۇ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا كۈچ سەرپ قىلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. بۇنىڭدا، بىرىنچىدىن، ئاپەتنى ئازايتقىلى؛ ئىككىنچىدىن، باغ – ئورمانچىلىققا مۇلازىمەت قىلىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، پايدىنى كۆپەيتىپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارغا ئىقتىسادىي نەپ يەتكۈزگىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر