باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تۇغۇت دەم ئېلىشىنى ئۇزارتىش زۆرۈر

2016.01.14 14:37         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزدە ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەر نورمال ئەھۋالدا 98 كۈنلۈك تۇغۇت دەم ئېلىشىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، قىيىن تۇغۇت بولسا 15 كۈن قوشۇپ بېرىلىدۇ. بەلگىلىمە بويىچە، كېچىكىپ توي قىلغان ۋە يالغۇز پەرزەنتلىك بولغانلارنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشى يەنە ئۇزارتىپ بېرىلىدۇ(ئەمما ئەڭ كۆپ بولغاندىمۇ 145 كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ).

  جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىدىكىلەر ئاپتونوم رايونلۇق ئانا – بالىلار ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرخانىسى، لەنجۇ ھەربىي رايونى ئۈرۈمچى باش دوختۇرخانىسى قاتارلىق دوختۇرخانىلاردا مەخسۇس تەكشۈرۈپ، ھازىر يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ نۆۋەتتىكى تۇرمۇش تەلىپىگە ماس كەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بۇ ھەقتە نۇقتىلىق پىكىر بايان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئەھۋالنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتا بويىچە ئوتتۇرىغا قويدى:

  بىرىنچى، تۇغۇت دەم ئېلىش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولۇپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇرلا خىزمەتكە چۈشۈپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئۇلار جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتلەردە تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە دۇچار بولۇۋاتىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن، ئۇلارنىڭ بالا ئېمىتىش ۋاقتى ئازلاپ كېتىپ، ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىنى ياخشىلاشقا پايدىسىز بولۇۋاتىدۇ؛ ئىككىنچى، تۇغۇت دەم ئېلىشىنىڭ ۋاقتى قىسقا بولۇش سەۋەبلىك، بالىلارنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشى تەسىرگە ئۇچراپ، ئائىلە ئىناقلىقىغا تەسىر يېتىۋاتىدۇ. ئاياللار تۇغۇت دەم ئېلىشى توشۇپ ئىشقا چۈشكەندىن كېيىن، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن ياشانغان ئاتا – ئانىلار ۋە بالا باققۇچىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەچكە، ئەۋلاد تەربىيەسىدە بەزى نېگىزلىك ۋە زىددىيەتلىك مەسىلىلەر كېلىپ چىقماقتا؛ ئۈچىنچى، دۆلىتىمىز يېقىندا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى نىسبەتەن ئەركىنلەشتۈرگەن، ئىككى پەرزەنتلىك بولۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىلغان ئەھۋالدىمۇ، بىر پەرزەنتنى بېقىش، تەربىيەلەش يۈكىنى ئاران زىممىسىگە ئېلىپ كېلىۋاتقان ئانىلار داۋاملىق پەرزەنتلىك بولۇشنى خالىسا، بۇنىڭ ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھىن سەرپ قىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇنلىغان ياش ئانىلار بۇ بېسىمدىن قېچىپ، ئىككىنچى پەرزەنتلىك بولۇشتىن ۋاز كېچىۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۆز نۆۋىتىدە نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، نوپۇس قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىك، ئەمگەك كۈچى يېتىشمەسلىك قاتارلىق جەمئىيەت تەرەققىياتىنى چەكلەيدىغان ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ دەم ئېلىشى ۋاقتى قىسقا بولۇش بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.

  ئەلۋەتتە، تۇغۇت دەم ئېلىشنى ئۇزارتىشنى خالىمايدىغان بىرمۇ ئانا بولمىسا كېرەك. بولۇپمۇ، بۈگۈنكىدەك خىزمەت بېسىمى ئېغىر، تۇرمۇش رىتىمى تېز، رىقابەت كەسكىن بولۇۋاتقان جەمئىيەتتە، ئانىلار پەرزەنتلىرىنى خاتىرجەم بىر قوللۇق تەربىيەلەپ چىقىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشنى ئارزۇ قىلسىمۇ، ئەمما بۇنىڭغا يېتەرلىك ۋاقىت بولمىغاچقا، ئانا مېھرى ۋە تەربىيەسىگە تەشنا پەرزەنتىنى بۆشۈككە بۆلەپ قويۇپ، خىزمەت ئورنىغا چېپىشقا مەجبۇر بولماقتا.

  جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىدىكىلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: بىرىنچى، ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت دەم ئېلىشىنى 12 ئايغا ئۇزارتىش، دەم ئېلىش مەزگىلىدە ئاياللارنى پەرزەنت تەربىيەسى بويىچە تەربىيەلىنىشكە كۆپرەك قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، پەرزەنتلەرنى ئىلمىي تەربىيەلەشكە تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ئۇلارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاشى ۋە تۈرلۈك پاراۋانلىق تەمىناتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خىزمەت ئورنى بىلەن بولغان ئەمگەك توختامىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەبۇس قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، تۇغۇت سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، تۇغۇت يېشىدىكى ئەر – ئاياللارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتا كاپالىتىنى ئۆستۈرۈش، بۇ ئارقىلىق تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ دەم ئېلىش مەزگىلىدىكى مائاش تولۇقلىمىسىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كۆپ قوبۇل قىلغان كارخانىلارنى باجدا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بىلەن ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر