باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

‹‹مەكتەپ ئاپتوموبىلى›› قاچان ئومۇملىشىدۇ

2016.01.14 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەملىكەت مىقياسىدا ئاۋام بىردەك كۆڭۈل بۆلىدىغان ‹‹قىزىق نۇقتا›› مەسىلىسىگە ئايلاندى، بۇ مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاپلا قالماي، مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ‹‹ئىككى يىغىن››ىدىمۇ ۋەكىل ۋە ئەزالار قىزغىن بەس – مۇنازىرە قىلىدىغان ‹‹جەلپكار تېما›› بولۇپ قالدى.

  ئۇنداقتا، شەھەر ئاھالىلىرى بۇ مەسىلىگە قانداق قارايدۇ؟

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ‹‹خېشۈن گۈللۈكى››دە ئولتۇرۇشلۇق مۇنىرە مۇرات خانىم زىيارىتىمنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: قىزىم باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇنى ھەر كۈنى دېگۈدەك مەكتەپكە ئاپىرىپ ئەكىلەتتۇق، ھازىر قىزىمىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىپ، 5 – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، خىزمىتىمىز ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆي بىلەن مەكتەپنىڭ ئارىلىقى يىراق بولغاچقا، بالا مەكتەپكە ئۆزى 301 – يول ئاپتوبۇسى بىلەن بېرىپ كېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ. ھاۋا جۇدۇنلۇق كۈنلەردە، بولۇپمۇ، قېلىن قار ياغقان چاغلاردا بالىدىن ئەنسىرەپ ئولتۇرالماي قالىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھازىر جەمئىيەتتە بالا يىتىپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى خەۋەرلەر پات – پات تارقىلىپ تۇرغاچقا، بىز ئاتا – ئانىلار بالىلىرىمىزنىڭ مەكتەپكە بېرىپ – كېلىشتىكى بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولدۇق. شۇڭا، بىز ‹‹ئىككى يىغىن››غا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىل ۋە ئەزالارنىڭ بىزنىڭ يۈرەك سۆزىمىزنى پارتىيە، ھۆكۈمەت تارماقلىرىغا يەتكۈزۈپ، مەكتەپلەرگە ‹‹مەكتەپ ئاپتوموبىلى›› سەپلەپ بېرىشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  سىياسىي كېڭەش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4 – يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئەزالار ‹‹ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات›› ۋە ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ 13 – بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسى›› (لايىھە)نى مۇزاكىرە قىلغاندا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە مەكتەپ ئاپتوموبىلى سەپلەش ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە ئېلىپ باردى. بولۇپمۇ، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى بۇ نۆۋەتلىك يىغىنغا سۇنغان ‹‹ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەكتەپ ئاپتوموبىلى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىپ – كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپ›› يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغىدى.

  سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەر كۈنى ئەتىگەندە مەكتەپكە بارىدىغان ۋە چۈشتىن كېيىن مەكتەپتىن قايتىدىغان چاغدا مەكتەپ ئالدىدا نۇرغۇن ئائىلە ئاپتوموبىللىرى توختاپ كېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھەر قايسى ئىدارە – ئورگاندىكىلەرمۇ ئىشتىن چۈشىدىغان بولغاچقا نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە دائىم قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلىدۇ. نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئاپتوموبىل ئومۇمىي سانى 800 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ھەر قېتىم ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ دەرس باشلىنىش ۋە دەرستىن چۈشۈش ۋاقتىدا مەكتەپلەرنىڭ ئالدى ئائىلە ئاپتوموبىللىرى بىلەن لىق تولۇپ ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنى ئېلىشىغا زور قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كېلىپلا قالماستىن، ئوڭايلا قاتناش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقماقتا. شۇڭا، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مەكتەپ ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىپ – كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىنسا، مۇشۇنداق قىلغاندا، ئاتا – ئانىلارمۇ، مەكتەپمۇ، ئوقۇغۇچىلارمۇ خاتىرجەم بولىدۇ ھەم شۇنداقلا مەكتەپكە بېرىپ – كېلىش بىخەتەرلىكى، قاتناش، بۇلغىما چىقىرىش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنىمۇ ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  ئەزا جاڭ شياۋپېڭ، گۈلپەرى ئابدۇللا، ئەركىنجان توختى بۇ ھەقتە مۇنداق تەكلىپ بەردى: ئۈرۈمچى شەھىرى ‹‹مەكتەپ ئاپتوموبىلى››نى يولغا قويۇشتا كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللانسا بولىدۇ. يەنى، تىرانسپورت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىش، كارخانا پۇل چىقىرىپ ‹‹مەكتەپ ئاپتوموبىلى››نى يولغا قويۇپ، ئۇنى باشقۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىش، ئۇنىڭدىن باشقا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، مەكتەپ بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسى بىلەن كارخانا ھەمكارلىشىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىقمۇ بۇنى ھەل قىلىشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھۆكۈمەت، مەكتەپ، ئاتا – ئانىلار مەبلەغنى تەڭ ئۈستىگە ئېلىش، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بېرىپ – كېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش ئارقىلىقمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر