باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى مۇھىت سۈپىتىنى ئۇقتۇردى

شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى بۇلتۇرقىدىن ياخشىلاندى

2015.08.25 14:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق مۇھىت ئاسراش نازارىتى 24 - ئاۋغۇست 2015 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدىكى مۇھىت سۈپىتىنى ئۇقتۇردى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى ئومۇمىي كۈن سانىنىڭ %77.6 ىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.9 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان، شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى بۇلتۇرقىدىن ياخشىلانغان.

  ھاۋا سۈپىتىنىڭ يېڭى ئۆلچىمىگە ئاساسەن باھالىغاندا، 2015 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %81.5، جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭنىڭ ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانىنىڭ نىسبىتى %43.2 بولغان. شىمالىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتى جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى شەھەرلەرنىڭكىدىن كۆرۈنەرلىك ياخشى بولغان. ئاتموسفېرانى بۇلغىغۇچى ماددىلارنىڭ قويۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىدنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى %3 ئاشقان، ئازوت (IV) ئوكسىدنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى %22.7 تۆۋەنلىگەن بولۇپ، ئىككىلىسى دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك ئۆلچىمىگە يەتكەن؛ سۈمۈرۈلىدىغان دانچە ماددىلارنىڭ ھەر بىر كۇب مېتىردىكى ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 0.15 مىللىگىرام بولۇپ، دۆلەتنىڭ 2 - دەرىجىلىك ئۆلچىمىدىن 1.1 ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. لېكىن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.9 تۆۋەنلىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئۆلچەمگە يەتكەن كۈن سانى ئاشقان، ھاۋا سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانغان. ھاۋا سۈپىتىنى كونا ئۆلچەم بويىچە باھالىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈن سانى 157 كۈن بولۇپ، ئەلا بولۇش نىسبىتى %86.7 كە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئۈچ كۈن ئاشقان. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن سېلىشتۇرغاندا، گۈڭگۈرت (IV) ئوكسىد، ئازوت (IV) ئوكسىد، سۈمۈرۈلىدىغان دانچە ماددىلار، كاربون چالا ئوكسىدلارنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى بۇلتۇرقىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا %31، %3.8، %6.6، %6.3 تۆۋەنلىگەن، ئۇششاق دانچە ماددىلارنىڭ قويۇقلۇقى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%11.1 ئاشقان، ئوزۇننىڭ ئەڭ ئۇزاق بولغاندا سەككىز سائەتتىكى قويۇقلۇق دەرىجىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىل بىلەن تەڭلەشكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دەريالارنىڭ ئومۇمىي سۇ سۈپىتى ئەلا بولغان، سۇ سۈپىتى مۇقىملىقنى ساقلىغان؛ ئېگىز تاغدىكى ۋە يۇقىرى ئېقىندىكى كۆل ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۇ سۈپىتى ئەلا بولغان، تۆۋەن ئېقىن ھەم تۆۋەن ئېقىندىكى كۆللەر ۋە سۇ ئامبارلىرىنىڭ سۈ سۈپىتى بىرقەدەر ناچار بولغان؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەركەزلەشتۈرۈلگەن شەكىلدىكى ئىچىملىك سۇ مەنبەسىنىڭ ئومۇمىي سۈپىتى ئەلا بولغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر