باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جاڭ چۈنشيەن لى شياۋپېڭ بىلەن كۆرۈشتى

2015.08.25 14:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 22 - ئاۋغۇستتىن 23 - ئاۋغۇستقىچە شىنجاڭدا مەركەزنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلاردىن ھال سورىدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن 23 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سەنشى ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى لى شياۋپېڭ باشچىلىقىدىكى سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى. جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا يېڭى بىر نۆۋەتلىك نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، سەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بەش يىلدا 102 تۈر بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان رايوننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشتى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ياردەم بېرىش خىزمىتىدە، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە ئىلگىرى قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش ئاساسىدا، سۈپەت ۋە ئۈنۈمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىنى؛ ئېنېرگىيە، بايلىقلارنى ئېچىش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرى ۋە ئەۋزەللىكلىرىگە تايىنىپ، ياردەم بېرىلىۋاتقان رايوننىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ۋە تەڭشىشىگە ھەمكارلىشىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، «ئىككىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش»نى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، ئىقتىساسلىقلار قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ بىلەن سەنشى ئۆلكىسى ئېنېرگىيە جەھەتتىكى چوڭ ئاپتونوم رايون ۋە ئۆلكە بولۇپ، ئوخشاش كەسىپ قۇرۇلمىسى ھالىتى ۋە تىپنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش، كەسپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇدۇللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى جاينىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لى شياۋپېڭ مۇنداق دېدى: شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئارقىلىق، ياردەم بېرىلىۋاتقان رايوننى نەپكە ئېرىشتۈرۈپلا قالماي، بىزمۇ كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە چېنىقتۇرۇش، كەسىپلەر بويىچە ھەمكارلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە خېلى كۆپ نەپكە ئېرىشتۇق. بىز كېيىنكى قەدەمدە تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلەپ، «12 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلەيمىز.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى خەن يۇڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ماغاۋ سېيىتقامزانىڭ ھەمراھلىقىدا، ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر 22 - ئاۋغۇستتىن 23 - ئاۋغۇستقىچە سەنشى ئۆلكىسى نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان بىڭتۈەن 6 - شىسى، ئوتۇنكوزا شەھىرى ۋە سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ فۇكاڭ شەھىرىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوتۇنكوزا شەھەرلىك گېنېراللار خاتىرە سارىيى، بىڭتۈەن 6 - شىسى دوختۇرخانىسى «جىنكاڭ» جۇڭگو تىبابىتى بىناسى، «چىڭخۇ» ئىقتىسادىي تەرەققىيات جەنۇبىي رايونى، گەنخېزا بازىرى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، دوختۇرلار، ستودېنت ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار بىلەن يۈزتۇرانە پىكىرلىشىپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياردەم بېرىش، قۇرۇش تۈرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى. كەپە مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر يەنە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندە سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىرلەشتى ۋە خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  لى شياۋپېڭ سۆھبەت يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بىز مەركەزنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ياردەم بېرىۋاتقان رايوننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق يېڭى ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەيمىز. بولۇپمۇ «31 - بەش يىل»لىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشتە، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە، ئومۇميۈزلۈك، بىر تۇتاش ياردەم بېرىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام لايىھەسى، ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەدبىرلەرنى ئورۇنداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، نۇقتىلىق كەسىپلەر، ئىقتىساسلىقلار، مەدەنىيەت، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كېيىنكى قەدەمدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

  ئاپتونوم رايون بىلەن بىڭتۈەن سۆھبەت يىغىنىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، سەنشى ئۆلكىلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ۋە ياردەم بېرىلىۋاتقان رايوندىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، بەي جىجيې، ما شۆجۈن، ئابلىز نىياز قاتارلىق يولداشلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر