باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ھاۋا سۈپىتى 157 كۈن ئۆلچەمگە يەتتى

2015.08.07 14:58         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ 4 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ھاۋا سۈپىتى 157 كۈن ئۆلچەمگە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىىن ئۈچ كۈن كۆپ بولغان. يېڭى مۇھىت باھالاش ئۆلچىمىگە ئاساسەن، ئالتە تۈرلۈك ئاساسلىق بۇلغىما ئىچىدە بىر تۈرنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى ئازراق ئاشقان، قالغان بەش تۈرلۈك بۇلغىمىنىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى بىردەك تۆۋەنلىگەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، توزانلىق بۇلغىما بىلەن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن چىقىدىغان بۇلغىما ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋاسىدىكى بۇلغىمىلارنى ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئاساسلىق ئامىل ئىكەن، 1 - پەسىلدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتى بىر قەدەر ناچار بولغان، 2 - پەسىلدە ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ھۆل - يېغىن كۆپىيىپ، بۇلغىمىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ، ھاۋا سۈپىتى 1 - پەسىلدىكىدىن كۆپ ياخشىلانغان. 6 - ئايدا ھاۋا سۈپىتىنىڭ ئۆلچەمگە يېتىش نىسبىتى %96.7كە يېتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى 74 شەھەر ئىچىدە 29 - ئورۇنغا، غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى شەھەرلەر ئىچىدە 1 - ئورۇنغا ئۆتكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىنىڭ تەدرىجىي ياخشىلىنىشىنى ھاۋارايى ئۆزگىرىشىدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتكەنلىكىدىن، بۇلغىمىنى ئۇنىۋېرسال بىر تەرەپ قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر