باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەركەزنىڭ مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى

ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەلەپچان ھەم راستچىل بولۇش كېرەك

2015.08.07 15:32         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەننىڭ رىياسەتچىلىكىدە 5 - ئاۋغۇست ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ(كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مەركەزنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ روھنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇھاكىمە قىلىندى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، ھەر قايسى پارتكوم(پارتگۇرۇپپا)لار ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ، رەھبەرلەر باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى تەدرىجىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش ۋە ھەل قىلىشتا دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى؛ ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلىش كۈچلۈك بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ياخشى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بىز مەركەزنىڭ «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ بويىچە مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى يەنىمۇ پۇختا ھەم چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە ھەقىقىي تەلەپچان، راستچىل بولۇشىمىز كېرەك. پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىدىيەۋى خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، «بەشنى چوڭقۇر تونۇش»قا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىدىيەنى ھەقىقىي تۈردە مەركەزنىڭ تەلىپى بويىچە بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنى ياخشى تۇتۇش، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇشتا ئىدىيە ۋە ھەرىكەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىقىمىزنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم(پارتگۇرۇپپا) ۋە ھاكىم، باشقارما باشلىقى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىجابىي تىپلار بىلەن سەلبىي تىپلارنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، تەلەپچان ۋە راستچىللىق بىلەن مەخسۇس تېما بويىچە چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش كېرەك. پارتكوم دائىمىي كومىتېتىدىكى يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرى ۋە يېڭى دەۋردىكى كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە سېلىشتۇرۇپ، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئىلغار تىپلارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلاردىن غايەت زور مەنىۋى كۈچ قوبۇل قىلىشى كېرەك. يولداشلار قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش دېلولىرىنى سەلبىي دەرسلىك قىلىپ، قانۇن - ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىشنىڭ پارتىيە ئوبرازىغا بولغان ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، سەلبىي تىپلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا ئېلىپ كەلگەن ئېغىر زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «يەتتە خىل قىلمىش» ۋە «بەش جەزمەن» بىلەن ئاڭلىق سېلىشتۇرۇپ، ئۆز ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، غايە، ئېتىقاد، ئىنتىزام، قائىدە ۋە پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلىپ، ساۋاق، ئىبرەت ئېلىپ، ھوشىنى يىغىشى، تۆۋەن چەكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، ھېيىقىشى ۋە ئەيمىنىشى كېرەك.

   جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەسىلىنى ھەل قىلىشنى يۆنىلىش قىلىشنى كۈچەيتىپ، تەلەپچان، راستچىل بولماسلىقتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا تەلەپچان، راستچىل بولۇش كېرەك. پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيەنىڭ قائىدە - نىزاملىرى بىلەن ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، شەخسنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە تەربىيە، ئەمەلىيەت پائالىيىتىدىكى تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلىنى چوڭقۇر قاتلامدىن، ئىنچىكە نۇقتىلاردىن ئىزدەپ، تەربىيەلىنىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈش، ئىنتىزام، ئىش قىلىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە ئادىمىيلىك قاتارلىق جەھەتلەردە تەلەپچان، راستچىل بولماسلىقتىكى كونكرېت مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ئىزدەپ، توغرا تېپىپ چىقىش كېرەك. رەتلەنگەن مەسىلىلەرگە قارىتا مەسىلە تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، تۈزىتىشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئۆگەنگەچ تەكشۈرۈشتە، ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، قانداق مەسىلە بولسا، شۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش؛ قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا، شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك، چوڭ تەسىر قوزغىغان مەسىلىلەرگە كوللېكتىپ «دىياگنوز» قويۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەخسۇس تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك؛ «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا داۋاملىق كۈچەپ، چوڭقۇر تۈزەپ، ئىدىيە، سىياسىي قۇرۇلۇش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئاداققىچە تۇتۇش كېرەك. بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش قاتارلىق چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە «ئىككى يۈزلىمىچى»، «ياخشىچاق» بولۇشتەك سىياسىيدا كۈچلۈك بولماسلىق مەسىلىسىنى ئەستايىدىل ھەل قىلىش كېرەك. ئىدىيەۋى مەسىلە بىلەن ئەمەلىي مەسىلىنى تەڭ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، چوڭ مەسىلە ۋە كىچىك مەسىلىگە سەل قارىماي، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ جەريانىنى تەلەپچان، راستچىل بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئارقىلىق، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە مۇقىملىق خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەلەپچان، راستچىل بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش»نى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا نۇقتىلىق بىرلەشتۈرۈپ، ئومۇمىي نىشاننى چۆرىدەپ، ئاجىز نۇقتىنى تېپىپ چىقىپ، دېلولاردىن ساۋاق ئېلىپ، خىزمەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، «بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش»، «ئىككىلا قول قاتتىق بولۇش»تا چىڭ تۇرۇپ ۋە «بەش ئاچقۇچ»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئۈچتە قەتئىي بولۇش» نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. «تۆتتە كۈچلۈك»، «ئۈچتە ئىقتىدارلىق» كادىرلار ۋە «تۆتتە ياخشى» ئوقۇتقۇچىلار، «بەشتە ياخشى» دىنىي زاتلاردىن بولۇش تەلىپى بويىچە، «ئۈچ قوشۇن» قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن چىڭ تۇتۇش كېرەك. «ئۈچ ئەل» پائالىيىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ ئاممىۋى ئاساسىنى پۇختا سېلىش كېرەك. تەلەپچان، راستچىل بولۇشقا كۈچەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما، تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل ھەم ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەيدەكچىلىك، يېتەكچىلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئادا قىلىشتا تەلەپچان، راستچىل بولۇش كېرەك. پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى 1 - مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆتكەلنى قاتتىق ئىگىلىشى كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىغا ئاساسەن، «بىر ئىش ئورنىدىكى ئىككى مەسئۇلىيەت»نى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قوشۇمچە باشقۇرغان ساھەنىڭ مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتى تارماقلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىش قىلىپ، پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر ھالقىلىق ھەرىكەتنى ياخشى لايىھەلەپ، ياخشى ھەل قىلىپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ ئالتە تەكشۈرۈش - يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بېسىمىنى ئۈنۈملۈك يەتكۈزۈپ، مەخسۇس تېمىلىق تەربىيەنىڭ تېمىدىن يىراقلاپ كېتىش، بىر قېتىملىق پائالىيەتكە ئايلىنىپ قېلىش، پەقەت باشقىلارنىلا تەربىيەلەپ، ئۆزى تەربىيەلەنمەسلىك، تېمىدىن ھالقىش، شەكىلۋازلىق قىلىش، رەسمىيەت ئۈچۈنلا قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شاۋكەت ئىمىن، جۈ خەيلۈن، بەي جىجيې، شيۇڭ شۈەنگو، غانىبات سابۇكەي، لى شۆجۈن، ئەركىن تۇنىياز، ما شۆجۈن، ليۇ شىنچى، چيەن جى، جارۇللا ھېسامىدىن، ماغاۋ سېيتقامزا، تيەن ۋېن، ليۇ جيەنشىن، يەن فېنشىن قاتارلىق رەھبەرلەر يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر