- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
گوۋۇيۈەننىڭ 2-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشىدە بەزى ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئېنىقلاندى
خەلق گېزىتى
2015.08.06 16:38 مەنبە: خەلق تورى
گوۋۇيۈەن ئورۇنلاشتۇرغان ۋە قانات يايدۇرغان مۇھىم سىياسەت، تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىغا قارىتىلغان 2-قېتىملىق چوڭ تەكشۈرۈشتە، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە نۇرغۇن يېڭى يارقىن نۇقتا ۋە ياخشى تەجرىبە بارلىقى بايقالدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە ساقلىنىۋاتقان بەزى مەسىلىلەر تەكشۈرۈپ ئېنىقلاندى.
قايسى مەسىلىلەر جىددىي ھەل قىلىنىشى كېرەك؟ قايسى ۋەزىپىلەر زۆرۈر بولماقتا؟ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى جىددىي بېجىرىشكە تېگىشلىك 106 تۈرلۈك ئىشنى رەتلەپ چىقتى، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئىتقىسادنى ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار، بەزىلىرى ئىسلاھاتقا چېتىلىدۇ، بەزىلىرى خەلق تۇرمۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك.
«سۈرئەتنى تېزلىتىش» ئېغىزدىلا توختاپ قالماسلىقى كېرەك. يېقىندا، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تەكشۈرۈش ئىشخانىسى جىددىي بېجىرىش ئۇقتۇرۇشى تارقىتىپ، مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنى مەخسۇس خادىم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى ھەقىقىي قوللىنىپ، خىزمەتنى سالماقنى ئاشۇرۇپ ۋە سۈرئەتنى تېزلىتىپ ياخشى ئىشلەپ، جىددىي بېجىرىش ئىشلىرىنى تېزدىن جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر