باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئىسپات ئېلىش»نى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش كۆپرەك بولسۇن

2015.08.06 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئالاھىدە بىر ئىسپات كىشىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خۇنەن ئۆلكىسى لۇۋدى لېڭشۇيجياڭ شەھىرىدە بىر ياشانغان كىشى ياشانغانلار گۇۋاھنامىسىنى يىتۈرۈپ قويۇپ، تۇلۇقلاپ بېجىرىش ئۈچۈن يۈتۈپ كەتكەنلىك ئىسپاتى ئېلىش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغان. ساقچىخانا ئىسپات خېتىنىڭ ئاستى تەرىپىگە خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى خىزمەتچىلىرىگە قارىتىپ «كۆپچلىكنى بىھۇدە ئاۋارە قىلمايلى»دەپ يېزىپ قويغان.

  ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئىسپات ئېلىشنى تەلەپ قىلغان ئورۇن ساقچىخانا بولماستىن، بەلكى ئۆلكىلىك ياشانغانلار كومىتېتىنىڭ 10 يىل ئىلگىرى مانا مۇشۇنداق ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى قائىدە بويىچە ئىش قىلغان، بىراق كىشىلەر بۇ ئىش بىلەنلا ئەندىشىدىن خالاش بولغىنى يوق. يېقىندىن بۇيان بىر ياشلىق بالا ئۈچۈن «جىنايەت خاتىرىسى يوق ئىسپاتى» ئېلىشتەك بىمەنە ئىشلار كۆپچلىك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان. «پۇقرالارنى ئاۋارە قىلىش بەدىلىگە خەتەردىن ساقلىنىش»، بەزى بەلگىلىمە، ئىسپاتلارنىڭ تەسىس قىلىنىشىنىڭ ھېچقانداق ئاساسىي يوق دېيىشكە بولمايدۇ، بىراق ئاممىنى ئويلايدىغان مۇلازىمەت ئېڭى كەمچىل، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش يۆنىلىشىگە قارشى بولۇپ، يەنىمۇ تەڭشەش ۋە رەتلەش كېرەك.

  ئەمەلىيەتتە «ئالاقە تورى» دەۋرىدە نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلىشتا تېخنىكا جەھەتتە زور توسالغۇ يوق. ئۇچۇرغا كۆپرەك تايىنىپ، ئاممىنى ئازراق ماڭدۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا مۇلازىمەت ئىدىيەسى بىلەن خىزمەت ئىستىلىنى تېزدىن ياخشىلاش مۇھىم ھالقا. ھەر قايسى مەمۇرىي تارماقلار پۇقرالارغا ياردەملىشىپ ئۇلارنى ئازراق يول ماڭدۇرۇش خىزمەت دائىرىسىدىكى ئىش دەپ بىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلسا، نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقتىن قۇتۇلۇپ قالغىلى بولىدۇ.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر