باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «ئوغرىلىقچە ئاڭلاش پىرى» ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

2015.08.07 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەنگلىيە مۇخبىرى دۇنكان كامپبېل 4-ئاۋغۇست ئامېرىكا «توسۇپ زەربە بېرىش» تور بېكىتى ۋە شەخسىي تور بېكىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ سابىق ياللانما خادىمى سىنوۋدېن تەمىنلىگەن يېڭى ئىسپاتلارنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى يولغا قويغان «ئېشلون» ناملىق ئوغرىلىقچە ئاڭلاش تۈرىنى ئاشكارىلىدى. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ تۈر 1966-يىلى باشلانغان بولۇپ، دۇنيادىكى ٪90 ئالاقە ئۇچۇرىنى توپلايدىكەن، ئاساسلىقى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر چوڭ كۆلەملىك ئوغرىلىقچە ئاڭلاش سەتچىلىكى ئاشكارىلاندى.

  سىنوۋدېن تەمىنلىگەن ھۆججەتكە قارىغاندا، «ئېشلون» تۈرى يەنە «P415» پىلانى دەپ ئاتىلىدىكەن، ئۇ چوڭ كۆلەملىك سانلىق مەلۇمات توپلاش سىستېمىسى بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى باشچىلىقىدىكى دۇنيا خاراكتېرلىك جاسۇسلۇق تورى ئىكەن، ئۇ يەنە ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە، كانادا، شۇنداقلا يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئاخبارات ئاپپاراتلىرى ھەمكارلىشىپ، ئاساسلىقى سۈنئىي ھەمراھ ئالاقىسىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىكەن.

  ئامېرىكا «توسۇپ زەربە بېرىش» تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىستېما دۇنيادىكى ٪90 ئالاقىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىيالايدىكەن، ھەر كۈنى تېلېفون، ئېلېكترونلۇق يوللانما، فاكس، سۈنئىي ھەمراھ ئۇچۇرى يوللاش قاتارلىقلارنى چوڭ كۆلەملىك ئوغرىلىقچە ئاڭلايدىكەن، ئوغرىلىقچە ئاڭلاش دائىرىسى پۈتۈن دۇنيا دائىرىسىدىكى ئادەتتىكى ئاممىنى قاپلىغان بولۇپ، ھەر كۈنى 3 مىلياردقا يېقىن ئۇچۇرنى توپلايدىكەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر