- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مالايسىيا ئايروپىلان قالدۇقىنىڭ MH370-قېتىملىق ئايروپىلاننىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى
2015.08.07 14:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مالايسىيا زۇڭلىسى نەجىب 6-ئاۋغۇست مۇنۇلارنى جاكارلىدى: 29-ئىيۇل فىرانسىيەگە قاراشلىق رىۋنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان پارچىسىنىڭ مالايسىيا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ MH370-قېتىملىق ئايروپىلانىغا تەۋە ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلدى. ئارقىدىن ئايروپىلان پارچىسىنى باھالاشقا بىرلىكتە قاتناشقان مالايسىيا، فىرانسىيە ۋە ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەھلىل قىلىش ھەمدە ئاختۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ يوقاپ كەتكەن بۇ ئايروپىلاننىڭ سىرىنى ئاچىمىز.
نەجىب شۇ كۈنى سەھەردە كۇئالالومپۇردا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: بۈگۈن ئايروپىلان يوقاپ كەتكىنىگە 515كۈن بولدى، بىر خەلقئارا مۇتەخەسسىسلەر رىۋنىئون ئارىلىدا بايقالغان ئايروپىلان پارچىسىنىڭ MH370-قېتىملىق ئايروپىلاننىڭ ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈردى. نەجىب مۇنداق دېدى: مالايسىيا ھۆكۈمىتى بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېپىپ چىقىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر