- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئافرىقا كۆچمەنلەر پاراخوتى لىۋىيەدىكى دېڭىز قىرغىقىدا ئۆرۈلۈپ كەتتى
2015.08.07 15:51 مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 6-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى بىر ئافرىقا كۆچمەنلەر پاراخوتىنىڭ لىۋىيە دېڭىز قىرغىقىدىكى يەر ئوتتۇرا دېڭىزى تەۋەلىكىدە ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكىنى، 200 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سۇدا تۇنجۇقۇپ قازا قىلغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەر بەرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ بېلىقچىلار پاراخوتىغا 600دىن كۆپ ئادەم ئولتۇرغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاياللار ۋە بالىلار كۆپ ئىكەن.
ئىتالىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار تەخمىنەن 400دەك ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، شۇنداقلا 25 جەسەت سۈزۈۋالغان. نۆۋەتتە، قۇتقۇزۇش خىزمىتى داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر