باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېشى 60قا يەتكەن شوپۇرلار ئۈچ يىلغىچە سالامەتلىك ئەھۋالىنى قاتناش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلمىسا، ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدۇ

2015.08.07 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىزنىڭ 3 - ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىن ئۇقۇشىچە، يېشى 60قا يەتكەن شوپۇرلار ئۈچ يىلغىچە سالامەتلىك ئەھۋالىنى قاتناش تارماقلىرىغا مەلۇم قىلمىسا، ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىپ، قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىكەن. يېشى 60قا يەتكەن شوپۇرلارنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى ئىلگىرى قانداق دەرىجىدىكى كىنىشكا بولسۇن، ھەيدەيدىغان ئاپتوموبىل تىپى كىچىكلىتىلىپ، ھەيدەش كىنىشكىسىC2 ،C1 دەرىجىگە چۈشۈرۈلىدىكەن، 60 ياشقا كىرگەنلەر چوڭ تىپتىكى ئاپتوبۇس، ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسى، ئارابۇس، يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدىسە، ھەيدىگەن ئاپتوموبىلنىڭ تىپى ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ دەرىجىسىگە ماس كەلمىگەن دەپ قارىلىپ، جەرىمانە قويۇلىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھازىر يېشى 60تىن ئاشقان شوپۇردىن 33 مىڭ 414 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 12 مىڭ 33 كىشىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلماسلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىپتۇ، 1232 كىشىنىڭ ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، ئەسلىگە كەلتۈرۈش باسقۇچىدا ئىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى قاتناش ساقچىلىرى تارماق ئەترىتى ئاپتوموبىل باشقۇرۇش ئورنىدىكى مەسئۇل خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، يېشى 60 قا يەتكەن شوپۇرلار «موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ھەيدەش كىنىشكىسى ئېلىش ۋە ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى» نىڭ 62 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ھەر يىلى بىر قېتىم سالامەتلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلىشى كېرەك ئىكەن، بىر يىلغىچە سالامەتلىك ئەھۋالىنى مەلۇم قىلمىسا ھەيدەش كىنىشكىسى بىكار قىلىنىدىكەن، بىكار قىلىنغان ھەيدەش كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى ئىككى يىلدىن ئاشمىغان بولسا، قايتىدىن ئىمتىھان بېرىپ، لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ھەيدەش كىنىشكىسى ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر