باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيەسىدە 2000 نەچچە يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي قەبرىستانلىق بايقالدى

2015.08.07 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى يېقىندا شىنجاڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە 2000 يىل ئىلگىرىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقنى بايقىغان، قەبرىستانلىقنىڭ ساقلىنىپ قالغان شەكلى ۋە يىغىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئاساسەن، دەسلەپكى قەدەمدە چىن، خەن دەۋرىگە مەنسۇپ چوڭ تىپتىكى قەبرىستانلىق دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان.

  نۆۋەتتە، قەدىمكى قەبرىلەردىن ھەمدەپنە قىلىنغان ئاتنىڭ مۇكەممەل ئىسكىلىتى قېزىپ چىقىلغان. بۇ قېتىمقى بايقالغان 100 دىن ئارتۇق قەدىمىي قەبرە ئىچىدە، ئەڭ چوڭىنىڭ دىئامېتىرى 70 مېتىر، ئېگىزلىكى 9 مېتىر ، تۆت ئەتراپىنى قورام تاش ۋە توپا دۆۋىسى قاپلىغان بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ شەرقىي قىسىم يايلاقلىرىدا ياشىغان قوۋملارنىڭ ئاقسۆڭەكلەر قەبرىستانلىقى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر