ۋاڭ يى تارىخ ۋە ياپونىيەنىڭ تۇتقان يولى توغرىسىدا سۆز قىلدى
خەلق تورى، كۇئالالۇمپۇر، 6-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 6-ئاۋغۇست شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىق سىستېمىسىدىكى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنىڭ ئاخىرقى بىر كۈنى، جۇڭگو ۋە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىسترىلىرىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتى دىققەت قوزغايدىغان ئەڭ چوڭ قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتى چۈشتىن كېيىن سائەت 1دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىدى، لېكىن، سائەت 2دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئاندىن رەسمىي باشلاندى، پۈتكۈل سۆھبەت جەريانى 1 سائەتكە يېقىن داۋاملاشتى.
چۈشتىن كېيىن سائەت 2دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئالدى بىلەن سۆھبەت زالىغا كىردى، ئىككى مىنۇتتىن كېيىن ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى كىشىدا فۇمىئومۇ ھەمراھلىرى بىلەن زالغا كىردى. ئىككى تەرەپ سۆھبىتىگە پەقەت ئالتە جۇڭگو مۇخبىرى ۋە ئالتە ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىندى، خەلق تورى مۇخبىرى كىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان بىردىنبىر يېزىق مۇخبىرىغا ئايلاندى. جۇڭگو ۋە ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى دىپلوماتىيە قائىدە-يوسۇنى بويىچە قول ئېلىشپ كۆرۈشكەندىن كېيىن ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئولتۇردى، بۇ ۋاقىتتا قائىدە بويىچە مۇخبىرلار سۆھبەت زالىدىن ئايرىلىشى كېرەك، پۈتكۈل سۈرەتكە تارتىش ۋاقتى يېرىم مىنۇتقا يەتمەيدۇ.
پىلانغا ئاساسەن، جۇڭگو-ياپونىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ئىككى تەرەپ سۆھبىتى يېرىم سائەت داۋاملىشاتتا، لېكىن، ئەمەلىيەتتە 1 سائەتكە يېقىن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن ئاندىن ئاخىرلاشتى. چۈشتىن كېيىن تەخمىنەن سائەت 3تىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، كىشىدا فۇمىئو سۆھبەت زالىدىن ئايرىلدى، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەيلا تېزدىن كېتىپ قالدى. ۋاڭ يىمۇ ئۇزاق ئۆتمەيلا سۆھبەت زالىدىن قايتىپ چىقتى، ئۇ زال سىرتىدا كۈتۈپ تۇرغان مۇخبىرلارغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ: «سىلەر تېخىچە بارمۇ؟» دېدى. ئارقىدىن، ئۇ مۇخبىرلارنىڭ ئاددىي زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى