خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (خەلق تورى مۇخبىرى ئالىم راخمان، مەرھابا ئەبەت خەۋىرى) 5-ئاۋغۇست، 2015-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسى 3-مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى. 5-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، بېيجىڭ مېيىپلار تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى بىلەن بېيجىڭ جيۇگوڭ باشلانغۇچ مەكتىپى كوماندىسى ئوتتۇرىسىدا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى. ئەزىمەتلىرىمىز ئىقتىدارىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ، يۇقىرى ئۈستۈنلۈك بىلەن رەقىبىنى يەڭدى.
مۇسابىقە مەيدانى شەھەر سىرتىغا جايلاشقان بولۇپ، مۇسابىقە ئىنتايىن ئىسسىق ۋە دىمىق ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە 0گە قارشى 14نەتىجە بىلەن مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈردى، كېيىنكى يېرىم مەيداندا مۇۋاپىق ھالدا كۈچنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئەزىمەتلىرىمىز ھۇجۇم سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، مۇۋاپىق ھالدا مۇداپىيە قىلىپ ئوينىدى. ئاخىرى 0گە قارشى 26نەتىجە بىلەن مۇسابىقە ئاخىرلاشتى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە خەلقئارا داڭلىق كوماندىلاردىن تېرىنىر ۋە رېپىرلار تەكلىپ قىلىنغان بولۇپ، تۆنۈگۈنكى مۇسابىقىگە رېپىرلىق قىلغان ئىتالىيەدىكى مەلۇم كوماندىنىڭ تېرىنېرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك5-باشلانغۇچ مەكتەپ كوماندىسى ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسىگە يۇقىرى باھالارنى بەردى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە دۆلەت ئىچى-سىرتىدىن 52كوماندىدىن مىڭدىن ئارتۇق ماھىر قاتناشقان بولۇپ، 6مۇسابىقە گۇرۇپپىسى بويىچە مۇسابىقىلىشىدىكەن. 8-ئاۋغۇست مۇسابىقىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى