خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:قاسىمجان ئوسمان خەۋىرى:شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتىۋېلىش، جايلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى نامايەن قىلىپ، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى داغدۇغۇلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەر ساھەدىكى يېڭىلىقلار، نەتىجىلەر ۋە يېڭى تىپلارنى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇش تەكىتلىنىۋاتقان ھالقىلىق پەيتتە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ پەيزاۋات ناھىيەسىمۇ تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە ئېلىپ باردى.
بۇ قېتىم پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى، پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى «پەيزاۋات ناھىيەسىدىن چىققان بارلىق مەشھۇر شەخسلەر»نى تونۇشتۇرۇش تېمىسىدا مەخسۇس پائالىيەت ئېلپ باردى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 2015-يىلى 8-ئاينى 2-كۈنى تۇنجى بولۇپ، نىڭبو شەھەرلىك سىياىسي كېڭەشنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، نىڭبو شەھەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، يۈياۋ ئازسانلىق مىللەتلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى، «يۈز يىللىق قانداشلىق» رومانى بىلەن «خەلق ئەدەبىياتى» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن، ئەسلى پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خۇشاۋات يېزىسى قارىسا كەنىتىدىن بېرىپ، ساۋەندە ئولتۇراقلاشقان ئۇرايىم مۇھەممەدنىڭ قىزى، داڭلىق يازغۇچى پاتىگۈلنى يۇرتىغا كېلىپ، كۆزدىن كەچۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى ۋە ئۇنىڭغا «پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى» دېگەن شەرەپلىك نامنى بەردى.
ئېگىلىنىشچە، بۇ پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى پەيزاۋاتتىن چىققان مەشھۇر كىشلەرگە تۇنجى قېتىم بەرگەن ئەڭ يۇقىرى نام- شەرەپ ئىكەن.
2-ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن، پەيزاۋات ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئابلىمىت ئاتاۋۇللا، مۇئاۋىن ھاكىم ئابلاجان تۇرسۇن، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لۇلىن، قادىر ئىسلام قاتارلىق رەھبەرلەر پاتىگۇل خانىمغا «پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ مەدەنىيەت ئەلچىسى» دېگەن خەت بېسىلغان خرۇستال تاختىنى تەقدىم قىلدى.