خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى (خەلق تورى مۇخبىرى ئالىم راخمان، مەرھابا ئەبەت خەۋىرى) 5-ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، 2015-يىللىق بېيجىڭ خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپلىك مۇسابىقىسىنىڭ 3-مۇسابىقە كۈنىدە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك117-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى بىلەن خېبېي خەندەن 27-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقە بېيجىڭ مېيىپلار تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە ئېلىپ بېرىلدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 117-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسى ئەزىمەتلىرى 0گە قارشى 4نەتىجە بىلەن خېبېي خەندەن 27-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى يېڭىپ گۇرۇپپىدىن بىرىنچى بولۇپ چىقتى.
ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى 117-ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك5-باشلانغۇچ مەكتەپتىن چىققان بولۇپ، كوماندا ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى تولۇقسىز 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەن. مۇسابىقە خەۋىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن 117-ئوتتۇرا مەكتەپتىن ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، ياتاقتا يېتىپ مەشىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. كوماندا ئەزالىرى بىر ئايلىق قىسقىغىنە مەشىقلەندۈرۈلگەندىن كېيىن مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكى مۇسابىقىدە ئاۋسترالىيە كوماندىسى بىلەن 0دە 0تەڭلەشكەن، بېيجىڭدىكى مەلۇم ئوتتۇرا مەكتەپ كوماندىسىنى يۇقىرى نومۇر بىلەن ئۇتۇپ كەلگەن.
كوماندا تېرىنېرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە كوماندا ئەزالىرى ئۆزىنىڭ نورمال ھالىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 117-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كېيىنكى مەيدان مۇسابىقىسى 7-ئاۋغۇست ئوينىلىدىكەن.
مەنبە: خەلق تورى