باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 7-ئايدا ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 50 نەچچە ئەمەلدارغا ئالاقىدار ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك سەككىز كادىر بار

2015.08.06 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ ئاخبارات تورى، بېيجىڭ، 5-ئاۋغۇست تېلېگراممىسى. 31-ئىيۇل سائەت 12دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تور بېكىتى شۇ ئايدىكى ئاخىرقى دېلوغا ئالاقىدار «جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ ۋېيزې، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى چۇ خې قانۇن-ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك پارتىيەدىن قوغلاندى ۋە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى» دېگەن ئۇچۇرنى ئېلان قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ تور بېكىتىنىڭ «ئىنتىزام تەكشۈرۈش» ئىستونىدا 7-ئايدا جەمئىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان 59 كادىرغا ئالاقىدار ئۇچۇر ئېلان قىلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە، 38 كىشى تۈنجى قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىنغان، قالغانلىرى تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئەمەلدارلار بولۇپ، 21 كىشىگە پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلگەن.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدىكى ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغان ئەمەلدارلار سانىغا سېلىشتۇرغاندا، 7-ئايدا ئېلان قىلىنغان ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ئەڭ كۆپ، ئۇلار سەككىز كىشى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى شياۋمىڭ، خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى جۇ بېنشۇن، مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جاڭ لىجۈن تۈنجى قېتىم ئۇقتۇرۇش قىلىندى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى لى جى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى چاڭ شۈگاڭ، ئىچكى مۇڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ لىپىڭ، يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى چۇ خې ۋە جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ سابىق دائىمىي ئەزاسى، نەنجىڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ياڭ ۋېيزېنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۇقتۇرۇش قىلىندى، بۇ بەش كىشىنىڭ ھەممىسى پارتىيەدىن قوغلاندى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر