خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28- ئىيۇل چۈشتىن كېيىن،مۇخبىر ئۈرۈمچى شەھىرى مىڭخۇا كوچىسىدىكى‹‹تاڭ نۇرى›› مەھەللىسىگە كەلگىنىدە يۇلتۇز سىدىق بىلەن قۇندۇز سىدىق دوختۇرخانىدىن ئەمدىلا ئۆيىگە كېلىپ تۇرغانىدى،ئەسلىدە ئۇلار مېڭە پارالىچ كېسىلى بار ئالتە ياشلىق قوشكېزەك ئاچا – ئىنىغا قۇتقۇزۇش تۈرى ئىلتىماس قىلغىلى بارغان ئىكەن.
ئۇزۇن چاچلىرى يەلكىلىرىنى يېپىپ تۇرغان، چىرايلىق ياسىنىۋالغان بۇ زىلۋا ئاچا – سىڭىلنىڭ ئولتۇرۇش قىياپىتىدىنمۇ سەنئەت پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى.كىچىكىدىلا چوڭ سەھنىلەرگە چىقىشقا ئىرادە باغلىغان ئاچا – سىڭىل ئىككىيلەن كىچىكىدىن تارتىپ ئۇسسۇل ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، ئالتە يېشىدىن باشلاپ ئۆسمۈرلەر سارىيىدا ئۇسسۇل مەشىق قىلدى، كېيىن شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل فاكۇلتېتىدا ئوقۇدى. (مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى