باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇلىدۇ

2015.08.03 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  28- ئىيۇلغىچە بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 100 قېتىم گوۋۇيۈەن دائىمىي يىغىنى ئاچتى، 100 پارچە ئاخبارات تېلېگرامما كوپىيەسى تارقاتتى. «مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش» دېگەن سۆزنىڭ ئاخبارات تېلېگرامما كوپىيەسىدە قانچە كۆرۈلدى؟65 قېتىم كۆرۈلدى!

  بۇ 100 قېتىملىق يىغىندا 40 نەچچە تۈرلۈك قارالما مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولدى.

  مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بىرىنچى مۇھىم ئىشى بولۇپ، بۇنىڭغا ھەقىقىي سانلىق مەلۇماتلارلا ھەقىقىي مەدەت بولالايدۇ.

  100 قېتىملىق دائىمىي يىغىننى ئەسلەپ ئۆتسەك، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈش بۇنىڭ ئىچىدىكى بەلگىلىك قارالمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت 2013-،2014-،2015- يىلى تۇنجى قېتىملىق دائىمىي يىغىندا مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى بىرىنچى مۇھىم ئىش قاتارىغا تىزغان.

  دائىمىي يىغىن ئېچىلىدىغان گوۋۇيۈەننىڭ 1- مەجلىسخانىسى ئىككى يىلدىن بۇيان گوۋۇيۈەننىڭ «ھوقۇقنى بىكار قىلىش» ئىشلىرىغا گۇۋاھ بۇلدى.

  لى كېچياڭ زۇڭلى ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ،غەيرەت شىجائەت بىلەن ئىشنى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشتىن باشلاپ، مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇردى. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر