باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن، مەركىزى ھەربىي كومىتېتى «يېتەكچى پىكىر»نى تەستىقلىدى

سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2015.08.03 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن، مەركىزى ھەربىي كومىتېتى يېقىندا «سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى تەستىقلاپ، دۆلەت قاتلىمىدىن سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش توغرىسىدا تۈزۈم ئورناتتى.

  «يېتەكچى پىكىر»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىش تۈپ پىرىنسىپى، مۇلازىمەت مەزمۇنى، كاپالەت مېخانىزىمى ۋە ئوبيېكىت دائىرىسى قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى 15 كونكىرت مەسىلە توغرىسىدا بەلگىلىمە چىقىرىلىدۇ، سودا سۇغۇرتىسىنىڭ ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا مۇلازىمەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھۆكۈمەت مەدەت بېرىش، بازار يېتەكچى بولۇش، كاپالەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش، كاپالەتلەندۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىش، كاپالەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، سوغۇرتا ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسپىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىش، ھەربىيلەر سودا سۇغۇرتا مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ھەربىي ئورۇنلار، ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىختىارىي سۇغۇرتىلىنىشغا مەدەت بېرىپ، سۇغۇرتىنىڭ ئايلىنىش ئۈنۈمى ۋە كاپالەت سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر