باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چېخ زۇڭتۇڭى جۇڭگونىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرلەش پارات كۆرۈكىگە قاتنىشىدۇ

2015.08.07 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چېخ زۇڭتۇڭى مىلوس زېمان جۇڭگو تەرەپنىڭ بىردىن بىر تەكلىپىگە بىنائەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پارات كۆرۈكىگە قاتنىشىدىغان ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭى ئىكەن.

  رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ 5-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ مۇناسىۋىتى جىددىيلەشكەنلىكتىن، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جۇڭگونىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلماسلىقنى قارار قىلغان. چېخ زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى ئافچاچېك: زېمان جۇڭگونىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى دېدى.

  چېخنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى كلائوسنىڭ مەسلىھەتچىسى پېتىر بۇ ھەقتە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تارىخنى بۈگۈنكى مەيداننى دەپ ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قارشى تۇرۇش بىمەنىلىك. مەن زېماننىڭ چېخ ئۈچۈن توغرا تاللاشنى چىقارغانلىقىغا تولۇق ئىشىنىمەن. چېخ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ بارلىق ئېھتىياجىنى قاندۇرماسلىقى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر