- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شىنجاڭدىكى 11 جايدا ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى يولغا قويۇلدى
2015.08.07 16:29 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇ يىل 5-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى 11 غەملىگۈچى رايوندا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى يولغا قويۇلغان بولۇپ، سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر-بازار ئاھالىسى، دېھقان - چارۋىچىلار ئېغىر كېسەل بولغاندا، چىقىم قىلىش دائىرسىدە ئاتچوت قىلىش سوممىسىغا چەك قويۇلمايدۇ.
يېقىندا مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل رايونىمىز شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى ئومۇمىييۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ سۇغۇرتىغا قاتناشقان شەھەر-بازار ئاھالىسى، دېھقان - چارۋىچىلار ئېغىر كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئاتچوت قىلىش نىسبىتى % 50 تىن تۆۋەن بولماسلىقىنى، ھەم چىقىم قىلىش دائىرسىدە ئاتچوت قىلىش سوممىسىغا چەك قويماسلىقنى شۇنداقلا يىل ئىچىدە ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى.
يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى تارقاتقان « شەھەر - يېزا ئاھالىسىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» دە، 2015 - يىلى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى چىقىم قىلىش نىسبىتى % 50 تىن يۇقىرى بولۇش كېرەك، 2015-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېغىر كېسەللىكلەر سۇغۇرتىسىنى بارلىق شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقۇچىلارغا يۈزلەندۈرۈپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىش؛ 2017-يىلىدا، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان ئېغىر كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمىنى قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر