باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ چۈنشيەن چى يۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەيمىز

2015.08.07 15:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن 5 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چى يۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چى يۈ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى شىنجاڭغا ئاساسلىقى جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن، ئالتايغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ۋە ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش؛ جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى باشلاش، ئالتاي ۋىلايىتىگە ئوقۇتقۇچى، تېببىي خادىم، ئالىي ئىختىساسلىقلار، كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى ئەۋەتىش ۋە تەربىيەلەش؛ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلاردىن ھال سوراش ئۈچۈن كەلگەن.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئالتاي ۋىلايىتىگە مەبلەغ، تۈر، ئىختىساسلىقلار جەھەتتە خالىس ياردەم بېرىپ كەلدى. بولۇپمۇ ئىلغار تەجرىبىسى ۋە كەسىپ ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ «بايلىق ئېچىشتا، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتا ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش» يولىغا مېڭىشىغا تۈرتكە بولدى، ئالتاي ۋىلايىتىنى شىنجاڭدىكى «ئىككى ئىمكانىيەتلىك سىجىل» بەرپا قىلىشتا ئۈلگىلىك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ياخشى رازى قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يۈكسەك دەرىجىدە تەرىپلىشىگە ئېرىشتى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭنىڭ خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم كاپالىتى، شىنجاڭنىڭ «بەشلەشتۈرۈشنى تەڭ قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈش» قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلارنىڭ قوللىشىغا موھتاج. جىلىن ئۆلكىسى قانات يايدۇرغان ئىختىساسىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى مۇھىم يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئالتاينىڭ ۋە شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدۇ، جىلىن ئۆلكىسىنىڭ ئەستايىدىل ئىزدىنىپ، بۇ خىزمەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشىنى، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشى ئىشلىشىنى، پايدىلىنىشقا بولىدىغان، تەشۋىق قىلىشقا بولىدىغان تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىشىنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار بىلەن قوللىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  چى يۈ مۇنداق دېدى: بىز بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىدە ئىگىلىگەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ پىكىر - تەلەپلىرىگە ئاساسەن، 13 - بەش يىللىق يىرىك پىلان مەزگىلىدە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى پىلانىنى تۈزۈشنى چىڭ تۇتۇپ، تۈر، كەسىپ ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرىمىز. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن يولغا قويۇپ، نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئومۇميۈزلۈك زورايتىپ، نىشانلىق ياردەم بېرىلىۋاتقان جايلارغا ھەر تۈرلۈك كادىرلار بىلەن ئىختىساسلىقلارنى ياخشى تەربىيەلەپ بېرىمىز.

  كۆرۈشۈشكە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شۆھرەت زاكىر، خۇاڭ ۋېي، بەي جىجيې، ما شۆجۈن قاتارلىقلار قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر