باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

تارىخنى سۆزلىتىپ، تارىخىي پاكىت ئارقىلىق پىكىر بايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش كېرەك

2015.08.03 14:37         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىدىكى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 31 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 30 – ئىيۇل چۈشتىن كېيىن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنى ئەسلەش ۋە تەھلىل قىلىش بويىچە 25 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى تەتقىقاتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشتا توغرا تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، پىلانلاش ۋە كۈچلەرنى بىرلەشتۈرۈشنى، تارىخىي ماتېرىياللارنى توپلاش ۋە رەتلەشنى، جامائەت پىكرى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، تارىخنى سۆزلىتىپ، تارىخىي پاكىت ئارقىلىق پىكىر قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ ئەھمىيىتى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئورنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ مۇھىم ئاچقۇچى ئىكەنلىكى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ تەتقىق قىلىش ۋە چوڭقۇر شەرھلەش كېرەك.

  ھەربىي ئىشلار ئاكادېمىيەسى ھەربىي ئىشلار تارىخى ۋە ئۇنىۋېرسال ئىلىم تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى يولداش چۈ ئەيگو بۇ مەسىلىنى شەرھلىدى ھەم بۇ ھەقتىكى پىكرى ۋە تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار ئۇنىڭ شەرھىسىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق دېدى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقى. بۇ قېتىمقى ئۆگىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسەت جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، 2 – دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىكى قەتئىي ئىرادىمىزنى نامايان قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆتمۈشنى ئۇنتۇماي، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتىشتىكى ئاكتىپ پوزىتسىيەسىنى رەسمىي ۋە تەنتەنىلىك جاكارلاشتىن ئىبارەت.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: 70 يىلنىڭ ئالدىدا جۇڭگو خەلقى جاپا – مۇشەققەتلىك، قانلىق كۈرەش ئارقىلىق ئەشەددىي تاجاۋۇزچى ياپون مىلىتارىزمىنى مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇنجى ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ياپون مىلىتارىزمىنىڭ جۇڭگونى مۇستەملىكە قىلىش، قۇل قىلىش سۈيىقەستىنى تەلتۈكۈس بىتچىت قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى جۇڭگونىڭ تاشقى دۈشمەن تاجاۋۇزىغا قارشى ئۇرۇشتا قايتا – قايتا مەغلۇپ بولۇشتەك مىللىي ئار – نومۇسىنى يۇيدى؛ ئېلىمىزنىڭ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى قايتىدىن تىكلەپ، جۇڭگو خەلقىنى دۇنيادىكى تىنچلىقىنى سۆيىدىغان خەلقلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى؛ جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئېچىپ، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا قوشقان مۇھىم تۆھپىسى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان پارتىيە تارىخىي تارماقلىرى، ھەربىي ئىشلار تارىخىي تارماقلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى تەتقىقاتى توغرىسىدا زور خىزمەتلەرنى ئىشلەپ، مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. مەدەنىيەت تارماقلىرى ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەسىدىكىلەرمۇ زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. شۇنداقتىمۇ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىمىز جۇڭگو خەلقنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ تارىخى، ئورنى ۋە تارىخىي ئەھمىيىتى، بۇ ئۇرۇشنىڭ جۇڭخۇا مىللەتلىرى ۋە دۇنياغا كۆرسەتكەن تەسىرىگە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا يېتەرسىز، داۋاملىق چوڭقۇر، سىستېمىلىق تەتقىق قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ماتېرىيالىزملىق تارىخ قارىشىدىن پايدىلىنىپ تارىخنى خاتىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، تارىخنى تەپسىلىي، ئېنىق، توغرا تارىخىي ماتېرىيال ئاساسى ۋە چوڭقۇر، ئىنچىكە تەتقىقات، ئانالىز ئاساسىغا پۈتۈش كېرەك. توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا يېتەكلەش ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، جۇڭگو خەلقنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى، ئاساسىي ئېقىمى، ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەش، مۇھىم ھادىسىلەر، مۇھىم پارتىيە – گۇرۇھ، مۇھىم شەخسلەرگە توغرا باھا بېرىش كېرەك. ياپونغا قارشى دائىرلىك ئۇرۇش بىلەن مەملىكەت خاراكتېرلىك ئۇرۇش، ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش مەيدانى بىلەن دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئۇرۇش مەيدانى، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشى بىلەن دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەرنى ئومۇمىي جەھەتتىن ئىگىلەش كېرەك. ‹‹7 – ئىيۇل›› سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىنكى سەككىز يىللىق ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىپلا قالماي، ‹‹18 – سېنتەبىر›› ۋەقەسىدىن كېيىنكى 14 يىللىق ئۇرۇش تارىخىنى تەتقىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، بىر تۇتاش تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك. پاكىت ئارقىلىق بۇرمىلانغان تارىخقا، تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋە پەردازلايدىغان خاتا نەزەرىيەلەرگە رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت قاتلىمىدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەخسۇس تېما تەتقىقاتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە كونكرېت خىزمەت لايىھەسى تۈزۈپ، تەتقىقات مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئاساسىي ھۇجۇم نىشانىنى بېكىتىش كېرەك. مەملىكەتلىك ئىلىم – پەن ئاپپاراتلىرى ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى بىرلەشتۈرۈپ، جايلاردىكى پارتىيە تارىخى، ھەربىي ئىشلار تارىخى، ئارخىپ، سىياسىي كېڭەش تارىخىي ماتېرىياللىرى، تەزكىرە، ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى، ئالىي مەكتەپ قاتارلىق تارماقلار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئەل ئارا تەتقىقاتقا ياردەم بېرىپ، ھەربىي ئىشلار، سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، دىپلوماتىيە، خەلقئارا قاتارلىق ساھەلەردىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇشنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك، نوپۇزلۇق مەخسۇس ئەسەر ۋە ئاددىي، چۈشىنىشلىك ئوقۇشلۇقلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار يېتەكچىلىك ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى، دۆلەت ئىجتىمائىي پەن فوندى، نەشرىيات فوندى ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى نۇقتىلىق ياردەم بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئارخىپ، ماتېرىيال، پاكىت، شاھىتلارنىڭ سۆزى قاتارلىق تۈرلۈك ئىسپاتلار ئارقىلىق سۆزلەش كېرەك. ماتېرىيال توپلاش ۋە رەتلەشتىن ئىبارەت ئاساسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا ئالاقىدار ئارخىپ، سۈرەت، ماتېرىيال، ماددىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە دۇنيا مىقياسىدىن ئۈن – سىن ماتېرىيالى، رەسىملىك كىتاپ، ژۇرنال، خاتىرە، خەت – چەك، ئەمەلىي بۇيۇم قاتارلىقلارنى توپلاش كېرەك. ئۇرۇشنى بېشىدىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ خاتىرىسىدىكى جانلىق ماتېرىياللارنى يىغىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، نەق مەيداننى تەكشۈرۈش ۋە ئىزدەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە بىرىنچى قول ماتېرىيالنى ئىگىلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: تۈرلۈك شەكىلدىكى تەشۋىقات، چۈشەندۈرۈش ۋە ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە پۈتۈلگەن جۇڭگو خەلقنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك، ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ۋە ئىززەت – ھۆرمىتىنى تىكلەشكە قوشقان تۆھپىسىنى، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىگە قوشقان ئۇلۇغ تۆھپىسىنى ئەستە ساقلاپ، ئۇلۇغۋار ئىنقىلابىي روھىنى تەشۋىق قىلىش كېرەك. ياپونغا قارشى ئۇرۇش يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، ئېچىشنى كۈچەيتىپ، خاتىرە ئەسلىھەلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بازا بىلەن تەمىنلەش كېرەك. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىدىكى ئورنى ۋە رولىنى توغرا تونۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ياپونغا قارشى ئۇرۇش تەتقىقاتى بويىچە خەلقئارا ئىلمىي ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك. دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەرنىڭ تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، تارىخنى ئورتاق يېزىپ، مىللەتنىڭ ئىززەت – ھۆرمىتى ۋە شان – شەرىپىنى ئورتاق قوغدىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر