- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو خەلق بانكىسى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىدۇ
2015.06.30 11:12 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو خەلق بانكىسى ، 28 – ئىيۇندىن باشلاپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، 28 - ئىيۇندىن باشلاپ ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى قەرزى ۋە ئامانەت پۇل ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدە ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىر يىللىق قەرز ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پوئىنتىدىن %4.85گىچە تۆۋەنلىتىدۇ؛ بىر يىللىق ئامانەت پۇل ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتىنى 0.25 پوئىنتىدىن %2گىچە تۆۋەنلىتىدۇ ؛ باشقا ھەرقايسى دەرىجە تەرتىپىدىكى قەرز پۇل ۋە ئامانەت پۇل تۈپ ئۆسۈم نىسبىتى، شەخسلەر تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئامانەت قەرزىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ.
جۇڭگو خەلق بانكىسى بۇ يىل 28-ئىيۇندىن باشلاپ قاراتمىلىقى بولغان ھالدا پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىشنى يولغا قويۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ قوللاپ ، قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بۇ يىل 28-ئىيۇندىن باشلاپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى قەرزى ۋە ئامانەت پۇل ئاساسىي ئۆسۈم نىسبىتى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىپ ، كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر