باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تۇرمۇش

شوخلىنى پىشۇرۇپ يېسە قان بېسىمى ۋە خولېستېرىننى تۆۋەنلىتىدۇ

2019.04.30 17:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيە ئادلايد داشۆسىنىڭ «ياۋروپا كىلىماكتېرىيە دەۋرى ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، پىشۇرۇلغان شوخلا بىمارلارنىڭ يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمىنى چۈشۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق يۈرەك كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەن. تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شوخلا قىزىل پىگمېنتى تۆۋەن مىقدارلىق ئۆلچەمدىكى دورىلارغا باراۋەر، ئەمما مۇسكۇللارنى تېلىپ ئاغرىتىش ۋە نېرۋىنى زەخمىلەندۈرۈشتەك ئەكس تەسىرى يوق ئىكەن.

  نەنجىڭ شەھەرلىك جۇڭيى- غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن دوختۇرخانىسى يۈرەك- ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چيەن چۈنفا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ، شوخلا تەركىبىدىكى شوخلا قىزىل پىگمېنتىنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىلگىرى بەزى تەتقىقاتلاردا ئۇنىڭ قان سۇيۇقلۇقىدىكى «بۇزۇلغان خولېستېرىن» سەۋىيەسىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق ئىكەنلىكى كۆرسىتىلگەن. شوخلىنى خام پېتى يېگەنگە قارىغاندا، پىشۇرۇپ يېگەندە تەركىبىدىكى شوخلا قىزىل پىگمېنتى تېخىمۇ ياخشى سۈمۈرۈلىدۇ. ھەر كۈنى 500 گىرام شوخلا يېيىش يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.

  جۇڭگو ئاياللار گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر