باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

سالاھ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغان بولدى

ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈچ ھەپتە ۋاقىت يېتىدۇ

2018.05.31 16:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 31-ماي بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 0دە، مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسى ئورگان تىۋېتتىرىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، سالاھنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشالايدىغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزدى. لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ ھۇجۇمچىسى سالاھ بىر قېتىملىق يارىلىنىش ۋە ئەنسىرەشتىن كېيىن، ئاخىرىدا كۇپېرنىڭ سەپ تىزىملىكىدە قېلىپ قالالايدىغان بولدى.

  تىۋېتتىردا مۇنداق يېزىلدى: « ئابرىدا بىلەن مىسىر دۆلەت كوماندىسى داۋالاش گۇرۇپپىسى ئىسپانىيەدە كۆرۈشكەندىن كېيىن، مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسى سالاھنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى، ئۇنىڭ زەخىمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ئۈچ ھەپتە ۋاقىت كەتمەيدۇ.»

  سالاھ نەچچە كۈن بۇرۇنقى ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە يارىلانغاندىن كېيىن، لىۋىرپول كوماندىسىنىڭ تىرېنىرى سالاھنىڭ زەخىمىسىنىڭ بىر قەدەر ئېغىرلىقىنى ئېيتتى، بىراق مىسىر پۇتبول بىرلەشمىسى تېزلا تىۋېتتىردا ئۇنىڭ زەخىملىنىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى، ئۇلار مۇنداق دېدى: «رىنتېگىن تەكشۈرۈشىدىن كېيىن، بىز سالاھنىڭ زەخىمىسىگە نىسبەتەن بىر قەدەر ئۈمىدتە بولدۇق.»

  مىسىر كوماندىسى بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىنى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇرۇگۋاي كوماندىسى بىلەن ئوينايدۇ. 2-مەيدان مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 19-كۈنى ساھىبخان رۇسىيە كوماندىسى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن 6-ئاينىڭ 25-كۈنى ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر